باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

توقسۇ ناھىيە جاي كەنتىدىكى AAA دەرىجىلىك ساياھەت رايونىنىڭ يوپۇقى ئېچىلدى

2015.06.15 19:03         مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  12-ئىيۇن گۈزەل ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ شادىيانە ئۇسسۇللىرى ۋە ناخشىلارغا تەڭكەش قىلىنغان مىللىي چالغۇلارنىڭ جاراڭلىق ئاۋازى توقسۇ ناھىيە ئىچىئېرىق يېزا جاي كەنتىدىكى AAA دەرىجىلىك ساياھەت رايونىنى لەرزىگە كەلتۈردى. بۇ كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسى پارتىگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى لى جىدوڭ، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ۋالىي مەردان مۇقىيىت توقسۇ ناھىيە ئىچىئېرىق يېزا جاي كەنتىدىكى AAA دەرىجىلىك ساياھەت رايونىنىڭ يوپۇقىنى ئاچتى. توقسۇ ناھىيەسى ۋە ھەر قايسى قوشنا ناھىيەلەردىن كەلگەن 2000 ئارتۇق كىشى مۇراسىمغا قاتناشتى. ناھىيە بويىچە 200 دىن ئارتۇق خەلق سەنئەتكارى سەككىز خىل مىللىي چالغۇ بىلەن مىللىيچە ناخشا ۋە مۇزىكىلارنى ئورۇنداپ ۋە مىڭ كىشىلىك مىللىيچە ئۇسسۇلغا جۆر بولۇپ، مۇراسىمنىڭ كەيپىياتىنى ئەۋجىگە چىقاردى.

  مۇراسىمدا ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق ئەل ئىچى سەنئەتكارلار جەمئىيىتى توقسۇ ناھىيەسىگە ‹‹شىنجاڭدىكى چالغۇ ئەسۋابلىرى يۇرتى››، كۇچا ناھىيەسىگە شىنجاڭدىكى ‹‹ئەل ئىچى ناخشا-ئۇسسۇل يۇرتى››، شايار ناھىيەسىگە ‹‹شىنجاڭدىكى ئەل ئىچى سەنەم يۇرتى››، ئاۋات ناھىيەسىگە ‹‹شىنجاڭدىكى دولان مۇقاملىرى يۇرتى›› دېگەن شەرەپلىك ناملارنى بەردى.

  توقسۇ ناھىيەسىنىڭ ئىچئېرىق يېزىسى نۆۋەتتە شىنجاڭدىكى قويۇق مىللىيچە ئالاھىدىلىككە ئىگە ئەل ئارىسىدىكى مىللىيچە چالغۇ ياساش يېزىلىرىنىڭ بىرى. 2007-يىلى بۇ يېزىنىڭ مىللىيچە چالغۇلارنى قولدا ياساش ھۈنىرى گوۋۇيۈەن ۋە مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ‹‹2-تۈركۈمدىكى دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى››نى قوغداش تۈرىگە كىرگۈزۈلگەن. 2008-يىلى بۇ يېزىغا ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتى تەرىپىدىن ‹‹ئەل ئىچى مەدەنىيەت-سەنئەت (چالغۇ ياساش) يۇرتى›› دەپ نام بېرىلگەن. جاي كەنتى شىنجاڭدىكى مىللىيچە ئالاھىدىلىكە ئىگە ئەل ئىچى قولدا چالغۇ ياساش كەنتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، 2008-يىلى 6-ئايدا گوۋۇيۈەن تەرىپىدىن ‹‹4-تۈركۈمدىكى دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت ئەل ئىچى سەنئىتىنى قوغداش تۈرى›› قىلىپ ئېلان قىلىنغان. جاي كەنتىدىكى 299 دېھقان ئائىلىسى ئىچىدە 106 ئائىلە مىللىيچە چالغۇ ياساش بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە چالغۇ ياساش بىلەن ئەڭ ئۇزۇن شۇغۇللانغان 6-، 7-ئەۋلادلارمۇ بار. جاي كەنتىدىكى خەلق سەنئەتكارلىرى ياسىغان چالغۇلار دۇتار، تەمبۇر، راۋاب ۋە داپ، قالۇن قاتارلىق 10 نەچچە خىل بولۇپ، بۇ چالغۇلار پۈتۈنلەي قولدا ياسىلىدۇ. چالغۇلارنىڭ ئاۋازى جاراڭلىق، تاشقى كۆرۈنۈشى كۆركەم، نەپىس بولغاچقا بېيجىڭ، شاڭخەي قاتارلىق شەھەرلەر، فىرانسىيە، گېرمانىيە، كورېيە، ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە سېتىلىدۇ، ھەر يىلى سېتىلىدىغان چالغۇلار ئىككى مىڭدىن ئېشىپ، چالغۇ ياساش ھۈنىرى دېھقانلانىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم يولغا ئايلاندى. ئىچىئېرىق يېزىسىنىڭ ئۆزىگە خاس مىللىيچە چالغۇ ياساش ھۈنىرى ۋە ساپ مىللىيچە ئۆرپ-ئادىتى ساياھەتچىلەرنى ئۆزلۈكسىز جەلپ قىلدى.

  ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ساياھەت ئىدارىسى پارتىگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى خالىدەم روزى مۇنداق دېدى: توقسۇ ناھىيە ئىچئېرىق يېزا جاي كەنتىدىكى AAA دەرىجىلىك ساياھەت رايونىنىڭ قۇرۇلۇشى ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ساياھەت بايلىقى ۋە ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى بېيىتىپ، ساياھەتچىلەرنىڭ مىللىيچە چالغۇ ياساش ھۈنىرىگە بولغان چۈشەنچىسىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بېرىدۇ، بۇ ساياھەت رايونى جاي كەنتىنىڭ مىللىيچە چالغۇلىرىنى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىغا تونۇتۇپ، جاي كەنتىنىڭ داڭلىق ساياھەت ماركىسىنى يارىتىشىغا ياردەم بېرىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر