باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

قاتناش–تىرانسپورت مىنىستىرلىقى مۇداپىئە تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپەت خاراكتېرلىك ھاۋا رايىغا تاقابىل تۇرۇش توغرىسىدا جىددىي ئۇقتۇرۇش تارقاتتى

2015.06.15 19:42         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  قاتناش – تىرانسپورت مىنىستىرلىقى يېقىندا ئاپەت خاراكتېرلىك ھاۋارايىغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا جىددىي ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، جايلاردىن قارا قۇيۇن، قارا يامغۇر ۋە تەيفېڭ بورىنى قاتارلىق پەۋقۇلئاددە ئاپەت خاراكتېرلىك ھاۋارايىغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇپ، قايتا – قايتا تەكشۈرۈپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

  ھازىر مەملىكىتىمىز كەلكۈن مەزگىلىگە قەدەم قويدى، يېقىنقى مەزگىلدە پەۋقۇلئاددە ئاپەت خاراكتېرلىك ھاۋارايى كۆپ كۆرۈلۈشى مۇمكىن. ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: جايلار يوشۇرۇن خەۋپنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ تۈگىتىش خىزمىتىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مۇداپىئە تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، كۆزىتىش، ئالدىن سىگنال بېرىش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، پەۋقۇلئاددە ئاپەت خاراكتېرلىك ھاۋارايى ئۇچۇرلىرىنى ۋاقتىدا ئىگىلىشى، خەتەردىن جىددىي قۇتقۇزۇشقا تەييارلىق قىلىش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىشى كېرەك.

  ھەر دەرىجىلىك قاتناش – تىرانسپورتنى باشقۇرغۇچى تارماقلار ۋە دېڭىز ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئورگانلىرى ئالدىنقى مەزگىللىك تەكشۈرۈشتە بايقالغان مەسىلىلەر ۋە يوشۇرۇن خەتەرلەرگە جىددىي قاراپ، ئۈنۈملۈك بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، پەۋقۇلئاددە ئاپەت خاراكتېرلىك ھاۋارايىنىڭ تالاپەت پەيدا قىلىشىدىن قاتتىق ساقلىنىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، مېتېئورولوگىيە، دېڭىز – ئوكيان، سۇ رايى (گىدرولوگىيە) ۋە گېئولوگىيە تارماقلىرى بىلەن بولغان ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، ئالدىن مەلۇمات بېرىش، ئالدىن سىگنال بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئالدىن بېرىلگەن سىگنال، ئۇچۇرلارنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىپ، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش خىزمىتىگە ئالدىن ياخشى تەييارلىق قىلىشى كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر