باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش–تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىكتىكى سۇبيېكىتلىق مەسئۇلىيىتىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك

2015.06.15 19:12         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت يېمەكلىك – دورىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى يېقىندا ‹‹يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش – تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىكتىكى سۇبيېكىتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش››نى تارقىتىپ، يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش – تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ سۇبيېكىتلىق مەسئۇلىيىتىنى يەنىمۇ قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈردى.

  ئۇقتۇرۇشتا يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش – تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ سۇبيېكىتلىق مەسئۇلىيىتى توغرىسىدا ئېنىق تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى: بىرىنچىدىن، ئىشلەپچىقىرىلغان ۋە سېتىلغان يېمەكلىكلەر قانۇن – نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەرگە ھەم يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئۆلچىمىنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن بولۇشى، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئۆلچىمىگە يەتمىگەن يېمەكلىكلەرنى ئىشلەپچىقارغان، ساتقانلار مۇناسىپ قانۇنىي جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى؛ ئىككىنچىدىن، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى قانۇنى قاتارلىق قانۇن – نىزاملاردىكى چەكلەش خاراكتېرلىك بەلگىلىمىلەرگە قاتتىق ئەمەل قىلىشى؛ ئۈچىنچىدىن، قاتتىق بولغان ئىشلەپچىقىرىش – تىجارەت سۈپىتىنى باشقۇرۇش سىستېمىسىنى ئورنىتىپ، يېمەكلىك سۈپىتى بىخەتەرلىكى ئۇچۇرىنى تەكشۈرگىلى، مەنبەسىنى ئىزدىگىلى، جەريانىنى كونترول قىلغىلى، جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرگىلى بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى؛ تۆتىنچىدىن، ئىشلەپچىقارغان، ساتقان يېمەكلىكلەرنىڭ يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئۆلچىمى ياكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەردىكى تەلەپكە ئۇيغۇن كەلمىگەنلىكىنى بايقىغاندا، ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېتىشنى دەرھال توختىتىپ، دۆلەت يېمەكلىك – دورىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسىنىڭ ‹‹يېمەكلىكلەرنى قايتۇرۇۋېلىشنى باشقۇرۇش چارىسى››دىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، قايتۇرۇۋېلىش پىلانىنى تۈزۈشى ھەم ئىجرا قىلىشى، قايتۇرۇۋېلىنغان، ئادەمنىڭ سالامەتلىكى ۋە ھاياتىي بىخەتەرلىكىگە ئېغىر تەھدىت سالىدىغان خەتەرلىك يېمەكلىكلەرنى دەرھال يوقىتىشى؛ بەشىنچىدىن، ئارىلاپ تەكشۈرۈشتە بايقالغان يېمەكلىك بىخەتەرلىكى ئۆلچىمى ياكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان مەھسۇلاتلارنى قانۇن – نىزاملاردىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن ئىشلەپچىقىرىش، سېتىشتىن توختىتىشى ھەم تەشەببۇسكارلىق بىلەن قايتۇرۇۋېلىپ، يېمەكلىك – دورىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشىنى ساقلىشى، مەسىلىلەرنى ئېنىقلاپ، رەتكە تۇرغۇزۇپ، سەۋەبىنى تەھلىل قىلىپ، ئەستايىدىل تۈزىتىشى، نازارەت قىلىپ باشقۇرغۇچى تارماقلارنىڭ ھەر تەرەپلىمە باھالىشىدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى كېرەك.

  يېمەكلىك – دورىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى يېمەكلىك بىخەتەرلىكى بويىچە ئەۋرىشكە ئېلىپ تەكشۈرۈش سالمىقىنى كۈچەيتىدۇ، ئىستېمالچىلارنىڭمۇ بايقىغان مەسىلىلەرنى 12331 قىزىق لىنىيە تېلېفونى ئارقىلىق پاش قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر