باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت سەھىيە–پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى جايلاردىن ئوتتۇرا شەرق نەپەس يولى ئۇنىۋېرسال كېسەللىكىنى داۋالاش–قۇتقۇزۇشقا ياخشى تەييارلىق قىلىشنى تەلەپ قىلدى

2015.06.15 19:13         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت سەھىيە – پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى يېقىندا ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، جايلاردىن ئوتتۇرا شەرق نەپەس يولى ئۇنىۋېرسال كېسەللىكىنى داۋالاش – قۇتقۇزۇشقا ياخشى تەييارلىق قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلدى: گۇاڭدوڭ ئۆلكىسىنىڭ خۇيجو شەھىرىدە 29 – ماي دۆلىتىمىزدىكى تۇنجى ئوتتۇرا شەرق نەپەس يولى ئۇنىۋېرسال كېسىلى بىلەن يۇقۇملانغان كىشىگە دىياگنوز قويۇلدى. بۇ يىل ئېلىمىزدىن سەئۇدى ئەرەبىستانىغا ھەجگە بارىدىغانلار بۇرۇنقىدەكلا كۆپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە يۇقۇم يۈز بەرگەن جايدىكى كىشىلەر بىلەن ئۇچرىشىشتىن خالىي بولالمايدۇ، شۇڭا يۇقۇملۇق كېسەلنىڭ ئېلىمىزگە كىرىش خەۋپىدىن ھەر ۋاقىت ئاگاھ بولۇش زۆرۈر.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: جايلاردىكى ھەر دەرىجىلىك سەھىيە – پىلانلىق تۇغۇت مەمۇرىي تارماقلىرى، جۇڭگو تېبابىتى دورىلىرىنى باشقۇرغۇچى تارماقلار داۋالاش ئورۇنلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، يۇقۇملۇق كېسەلنى داۋالاش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. سەۋەبى ئېنىق بولمىغان ئۆپكە ياللۇغى ۋە تارقىلىشچان زۇكام تىپىدىكى كېسەللىكلەرنى كۆزىتىش، دوكلات قىلىش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشى كېرەك. دوختۇرلار ئاغرىقنىڭ يۇقۇملىنىش تارىخىنى تەپسىلىي سۈرۈشتۈرۈشى، يېقىنقى مەزگىلدە ئوتتۇرا شەرق قاتارلىق يۇقۇملۇق كېسەللىك يۈز بەرگەن رايونلارغا بېرىپ قىزىپ قالغانلىقى ياكى سەۋەبى ئېنىق بولمىغان ئۆپكە ياللۇغىغا گىرىپتار بولغانلىقىنى بايقىسا، ئىلمىي ۋە ئۈنۈملۈك قۇتقۇزۇش تەدبىرىنى قوللىنىشى ھەم مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى ياخشى خاتىرلەپ دوكلات قىلىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئوتتۇرا شەرق نەپەس يولى ئۇنىۋېرسال كېسەللىكىنى داۋالاش خىزمىتىگە قاتنىشىدىغان خادىملارنى تولۇق تەربىيەلەپ، دوختۇرخانىدا يۇقۇملىنىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىشى، بولۇپمۇ، پورت شەھەرلىرىدىكى داۋالاش ئاپپاراتلىرى مۇۋاپىق مۇداپىئەلىنىش ۋە قوغدىنىش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، دوختۇرخانىدا يۇقۇملىنىپ قېلىش خەتىرىنى ئازايتىشى كېرەك. ئوتتۇرا شەرق نەپەس يولى ئۇنىۋېرسال كېسىلى دەپ دىياگنوز قويۇلغانلار تەكشۈرۈش، داۋالاش ۋە دوختۇرخانىدا يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش – كونترول قىلىش شەرتىنى ھازىرلىغان دوختۇرخانىدا داۋالىنىشى كېرەك. كېسەلنى قوبۇل قىلغان دوختۇرخانىلار ئالاقىدار تەلەپلەرنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئوتتۇرا شەرق نەپەس يولى ئۇنىۋېرسال كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىمالى بولغان ئاغرىقلارغا دىياگنوز قويۇش، ئۇلارنى داۋالاش ۋە باشقۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر