گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ 9-ئىيۇن چۈشتىن كېيىن ‹‹خەلق›› سارىيىدا يەرشارى باش ئىجرائىيە ئەمەلدارلار كومىتېتىنىڭ 3-نۆۋەتلىك يۇمىلاق شىرە يىغىنىغا قاتناشقىلى جۇڭگوغا كەلگەن ۋەكىللەر بىلەن كۆرۈشتى ھەمدە ئۇلار بىلەن سۆھبەتلەشتى.
BHP شىركىتى، خونېيۋېل شىركىتى، ۋولكسۋاگېن ئاپتوموبىل شىركىتى، كوممىنس شىركىتى، نوكىيا شىركىتى، پفىزېر دورا ياساش شىركىتى، گولدمەن شىركىتى، خان جەمەتى DSM گۇرۇھى، ئامېرىكا ئاليۇمىن كەسپىي گۇرۇھى، ستاندارد چارتېرېد بانكىسى، شنېيدېر ئېلېكتىر شىركىتى، تەيگۇ گۇرۇھى، كارگىل شىركىتى، ئانبو شىركىتى قاتارلىق دۆلەت ھالقىغان كارخانىلارنىڭ مەسئۇللىرى بۇ نۆۋەتلىك ئۇچرىشىشتا ‹‹دۇنيانىڭ يېڭى ۋەزىيىتى ئاستىدا، جۇڭگو ئۇنىۋېرسال رىقابەت كۈچىنى قانداق يۇقىرى كۆتۈرىدۇ؟›› دېگەن باش تېمىنى چۆرىدەپ، ‹‹جۇڭگو ياسىمىچىلىقى 2025››، جۇڭگونىڭ پۇل مۇئامىلە سىياسىتى، ئورگانلارنى ئىخچاملاپ، مەمۇرىي ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ بېرىش، قويۇۋېتىش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش توغرىسىدا ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.