باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ بەنچەن ئېردىنى چۆجىجېبۇنى قوبۇل قىلدى

يۈ جېڭشېڭ قوبۇل قىلىشقا قاتناشتى

2015.06.11 16:20         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 10-ئىيۇن بېيجىڭ جۇڭنەنخەيدە بەنچەن ئېردىنى چۆجىجېبۇنى قوبۇل قىلدى. سۈرەتتە: بەنچەن شى جىنپىڭغا خادا ھەدىيە قىلماقتا. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لەن خۇڭگۇاڭ فوتوسى)

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10-ئىيۇن تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 10-ئىيۇن جۇڭنەنخەيدە بەنچەن ئېردىنى چۆجىجېبۇنى قوبۇل قىلدى. شى جىنپىڭ ئۇنى جاپاغا چىداپ تىرىشىپ ئۆگىنىپ، ئىبادەتنى ياخشى قىلىپ، 10-ئەۋلاد بەنچەن ھەزىرتىنىڭ ئارزۇسىغا ۋە بۇددا دىنىنىڭ بارلىق ھاياتلىقنىڭ باراۋەرلىكىنى، مېھرىبان-شەپقەتلىك بولۇشنى تەرغىپ قىلىدىغان ئىدىيەسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، تىبەت بۇددا دىنىنى سوتسىيالىستىك جەمئىيەتكە لايىقلاشتۇرۇشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇددا دىنىنى مۇكەممەل بىلىدىغان، راھىپلار ۋە ئامما چىن كۆڭلىدىن ياخشى كۆرىدىغان تىبەت بۇددا دىنى گېگەنىدىن بولۇشقا رىغبەتلەندۈردى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ قوبۇل قىلىشقا قاتناشتى.

  بەنچەن رەئىس ش جىنپىڭغا خادا تەقدىم قىلدى ھەم ئۆزى ئېتىكاپتا ئولتۇرغان 20 يىلدىن بۇيانقى ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى، شى جىنپىڭ ئۇنىڭ ھەر جەھەتتە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى تەبرىكلىدى.

مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر