باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكىدا ئوتتۇرا – باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ پىسخىكا مەسلىھەت تۈرىگە ياردەم بېرىلىدۇ

2015.06.15 19:20         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكا 26 ئىشتاتتىكى 67 مەكتەپنىڭ پىسخىك مەسلىھەت بېرىش تۈرىنى كېڭەيتىپ قۇرۇشى ئۈچۈن 24 مىليون 800 مىڭ دوللار ياردەم قىلغان. بۇ پۇل مەكتەپلەرنىڭ پىسخىك ساغلاملىق مۇتەخەسسىسى تەكلىپ قىلىشى ۋە پىسخىكا مەسلىھەت دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىكەن. پىسخىك مەسلىھەت مۇلازىمىتىنىڭ لايىھەلىنىشى ۋە يولغا قويۇلۇشىغا ئاتا – ئانىلارمۇ قاتنىشىدىكەن.

  ئامېرىكا مائارىپ مىنىستىرى ئارن. دېنكىن ‹‹مەكتەپلەرنىڭ پىسخىكا مەسلىھەتچىلىرى ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن تولىمۇ مۇھىم بولۇپ، بىخەتەر، ئۈنۈملۈك ئوقۇتۇش مۇھىتى بەرپا قىلىشتا ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ›› دېدى.

  تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئەتراپلىق پىسخىك مەسلىھەت مۇلازىمىتى ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپ ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلىشىنى ئازايتىپ، ئۆگىنىش نەتىجىسىنى ياخشىلاشقا ياردەم بېرىدىكەن ھەم ئىشقا ئورۇنلىشىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈپ، جەمئىيەتكە ماسلىشىش قابىلىيىتىنى ئاشۇرىدىكەن. بۇ مەبلەغ ئاتا – ئانىلارنىڭ قاتنىشىشى ئۈچۈنمۇ ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ، يەنە پىسخىكا مەسلىھەتچىلىرى بىلەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسپىي تەرەققىياتىنى تېزلىتىدىكەن، شۇنداقلا ئوقۇغۇچىلار پىسخىك ساغلاملىق مۇلازىمىتى گۇرۇپپىسى بىلەن باشقا مۇلازىمەت ئورۇنلىرىنىڭ ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىدىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر