خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى، تارىم دەرياسىنىڭ بويلىرىغا جايلاشقان ئاۋات ناھىيەسىنىڭ مەنزىرىسى گۈزەل، خەلقى سەمىمىي ھەم مېھماندوست. ئاۋاتتىكى ھەرمىللەت ئاقكۆڭۈل خەلقى ئۆزىنىڭ قان تەرى بىلەن بۇ بىپايان گۈزەل زېمىننى سۇغۇرۇپ كەلمەكتە. نۇرغۇنلىغان نامسىز كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ خىزمەت ئورنىدا ئۈن-تىنسىز تۆھپە قوشۇپ، تىرىشىپ يېڭىلىق يارىتىپ، بۇ گۈزەل يۇرتنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن كۈچ چىقارماقتا. ئاۋات ناھىيەلىك 4-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ياش ئوقۇتقۇچىسى دىلشات ئالىم ئەنە شۇلارنىڭ بىرى.
دىلشات ئالىم 1990-يىلى تۇغۇلغان، تىرىشچان، پىكىر قىلىشقا ئامراق، سۆزى كۆپ ئەمەس بىر ئوقۇتقۇچى. كىچىكىدىنلا ماشىنىسازلىق ئىلمى ۋە پەن-تېخنىكىلىق ئۈسكۈنىلەر بىلەن ھەپىلىشىشكە ئامراق چوڭ بولغان. ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئارزۇسىغا ماس ئۆز يۇرتىدا فېزىكا ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلىدى. ئۆزىنىڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ياش نوتىلارنى تەربىيەلەشتىن باشقا، ئۇنىڭ بالىلىقتىكى ئارزۇ-ھەۋەسلىرىدىن بىرى بولغان ئادەمسىز ئۇچقۇ تەتقىقاتىنى باشلىۋەتتى.
يىغقان مائاشىنىڭ كۆپ قىسمىغا ئۇ ئادەمسىز ئۇچقۇغا مۇناسىۋەتلىك نەزەرىيىۋىي كىتابلار، ھەرخىل پارچە سايمانلارنى ئېلىپ، بوش ۋاقىتلىرىدا ئىزدىنىش ۋە تەتقىقاتلىرىنى ئېلىپ باردى. تەتقىق قىلىش، قوراشتۇرۇش، چۇۋۇش، قايتا قوراشتۇرۇش سانسىز قېتىم تەكرارلاندى. ئۇنىڭ بۇ خىل تىرىشىش روھى ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنىمۇ جەلپ قىلدى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ فېزىكىغا بولغان قىززىقىشىمۇ كۆرۈنەرلىك ئاشتى. ئۇنىڭ تەسىرىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ قول سېلىپ ئىشلەش ئىقتىدارىدا زور ئىلگىرىلەش بولدى.
بەزى ساۋاقداشلار ئۇنىڭ ئادەمسىز ئۇچقۇ تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، ئۆزلىكىدىن ئۇنىڭ تەتقىقاتىغا ياردەملەشتى ھەمدە بارا-بارا بىر تەتقىقات گۇرۇپپىسى بولۇپ قالدى. ئۇلار بىرلىكتە ئىزدىنىپ، بىرلىكتە قول سېلىپ ئىشلەپ، ئۆزلىرىنىڭ قان تەرى بىلەن ئىلىم-پەن دېڭىزىغا شۇڭغۇدى. تىرىشقان تاپار دېگەندەك، دىلشات مۇئەللىمنىڭ يېتەكچىلىكىدە ۋە نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىرلىكتە كۈچ چىقىرىشى بىلەن، قىيىنچىلىقلار ئۇلارغا بىر-بىرلەپ باش ئەگدى. ئۇلار تەتقىق قىلىپ چىققان ئادەمسىز ئۇچقۇ ئاخىرى كۆكتە پەرۋاز قىلدى ھەمدە ئەمەلىيەتنىڭ سىنىقىدىن ئۆتۈپ، ئىككى مىڭ مېتىر ئېگىزلىكتە ئەركىن پەرۋاز قىلىش بىلەن بىرگە يۇقىرى بوشلۇقتىن سۆرەتكە تارتتى.
كۆكتە پەرۋاز قىلىۋاتقان ئادەمسىز ئۇچقۇ پۈتۈن مەكتەپنى قاينام-تاشقىنلىققا چۆمدۈردى. پۈتۈن ئاۋات ناھىيەسى بۇ ياش مۇئەللىمنىڭ تىرىشچانلىقىغا ئاپىرىن ئېيتتى. بوران-چاپقۇنسىز، ھەسەن-ھۈسەن بولماس، شۇنىڭدەك قىيىنچىلىقسىز، چوڭ نەتىجە بولماس. دىلشات ئالىم ئۆزىنىڭ ئارزۇسى بىلەن ئىلىم-پەن دېڭىزىدا شۇڭغۇماقتا. ئۇنىڭ تېخىمۇ چوڭ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تىلەكداشمىز.
مۇھەررىر:ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى