باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭىنىڭ ئاپتونوم رايون بويىچە «بەشتە ياخشى دىنىي زات» لارنى تەقدىرلەش توغرىسىدىكى قارارى

2015.06.15 13:28         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى دېڭ شياۋ پىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيى، پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-، 4-ئومۇمىي يىغىنى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىككى قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ۋە مەركەز مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنى، مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق 8-قېتىملىق پارتىيە قۇرۇلتىيى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق 8- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى7-، 8-ئومۇمىي (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى ئاساسىي فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «قانۇنلۇقلىرىنى قوغداش، قانۇنسىزلىرىنى چەكلەش، ئەسەبىيلىكنى توسۇش، سىڭدۈرمىچىلىككە تاقابىل تۇرۇش، جىنايەتكە زەربە بېرىش» تىن ئىبارەت دىنىي مەسىلىنى بىر تەرەپ قىلىشنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، دىن خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ ۋە ئۇنى ياخشى ئىشلەپ، دىن خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولدى. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىنى چىقىش قىلىپ، دىن خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ يېڭى تەسەۋۋۇرى، يېڭى تەدبىرى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدا «بەشتە ياخشى دىنىي سورۇن» ۋە «بەشتە ياخشى دىنىي زات» بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، دىن ئىشلىرىنى باشقۇرۇشنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، قېلىپلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، دىنىي زاتلار ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلارنى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئورتاق كۈچ چىقىرىشقا ئىتتىپاقلاشتۇردى ۋە ئۇيۇشتۇردى. دىنىي زاتلار پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، پارتىيەنىڭ دىن سىياسىتى ۋە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار قانۇن-نىزاملىرىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇش، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىش، تەرتىپكە ئەھمىيەت بېرىشتا چىڭ تۇرۇپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلارغا دۆلەت ئېڭى، پۇقرالىق ئېڭى ۋە قانۇن ئېڭىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، ئۇلۇغ ۋەتەننى تونۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنى تونۇش، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى تونۇش، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى تونۇش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى تونۇش ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، دۆلىتىمىزدىكى دىنلارنىڭ تىنچلىق، ئىتتىپاقلىق، ئوتتۇرا يولنى تەشەببۇس قىلىش ئېسىل ئەنئەنىسىگە زور كۈچ بىلەن ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، قانۇنسىز دىنىي ھەرىكەتلەرگە قەتئىي تاقابىل تۇرۇپ، دىن ئەسەبىيلىكى ئىدىيەسىنىڭ سىڭدۈرمىچىلىكىنى قەتئىي توسۇپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قەتئىي قارشى تۇرۇپ، زوراۋان-تېررورچىلارغا قارشى باتۇرلارچە كۈرەش قىلىش ھەققىدە تەربىيە بېرىپ ۋە ئۇلارنى شۇنداق قىلىشقا يېتەكلەپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشقا ئاكتىپ تۆھپە قوشتى. بۇ جەرياندا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ دىن ساھەسىدە ئىپادىسى گەۋدىلىك بولغان زور بىر تۈركۈم ئىلغار شەخسلەر مەيدانغا كەلدى. ئىلغارلارنى تەقدىرلەپ، دىنىي زاتلارنىڭ «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش»، دىنلار ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش، دىننى سوتسىيالىستىك جەمئىيەتكە ئۇيغۇنلىشىشقا يېتەكلەشتىكى ئاكتىپ رولىنى يەنىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، «ئاپتونوم رايون بويىچە دىن ساھەسىدە <قوش بەشتە ياخشى> بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر» گە ئاساسەن، ئاپتونوم رايونلۇق دىن ساھەسىدە «قوش بەشتە ياخشى» بەرپا قىلىش پائالىيىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ تەشكىللەپ باھالىشى ئارقىلىق، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى 70 «بەشتە ياخشى دىنىي زات» نى تەقدىرلەشنى قارار قىلدى.
تەقدىرلەنگەن «بەشتە ياخشى دىنىي زات» لارنىڭ شان-شەرەپنى قەدىرلەپ، نەتىجىنى جارى قىلدۇرۇپ، كەمتەر،ئېھتىياتچان بولۇپ، يەنىمۇ غەيرەت قىلىپ، بۇرچنى زىممىسىگە ئېلىش ئېڭىنى ئاشۇرۇپ، نەمۇنىلىك، باشلامچىلىق رولىنى داۋاملىق ئويناپ، دىن ئەسەبىيلىكى ئىدىيەسىنىڭ سىڭدۈرمىچىلىكىگە قەتئىي تاقابىل تۇرۇپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغانلارنى توغرا ئېتىقاد تۇرغۇزۇپ، توغرا يولدا مېڭىپ،ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەتئىي قوغداپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشقا يېتەكلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى دىنىي زاتلارنى تەقدىرلەنگەن «بەشتە ياخشى دىنىي زات» لارنى ئۈلگە قىلىپ، ئۇلارنىڭ ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى، دىنلار ئىناقلىقىنى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى بايرىقى روشەن ھالدا قوغداش، «ئۈچ خىل كۈچ» كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىش مۇستەھكەم مەيدانىدىن؛ ئۇلارنىڭ ۋەتەننى-دىننى سۆيۈش، ئىنتىزامغا، قانۇنغا رىئايە قىلىش، توغرا ئېتىقادنى ئەۋج ئالدۇرۇش، سۆزى بىلەن ھەرىكىتى بىردەك بولۇشتەك ئەخلاق-پەزىلىتى، دىنىي ئىستىلىدىن؛ ئۇلارنىڭ ئىناق-سىغدۇرۇشچان بولۇش، مەدەنىي-ئىلغار بولۇش، تىرىشىپ ئىشلەپ بېيىش، جەمئىيەتكە مۇلازىمەت قىلىش روھىي كەيپىياتىدىن ئۆگىنىپ،«سىياسىي جەھەتتە ئىشەنچلىك، دىنىي بىلىمى مول، پەزىلەتتە ئامما ئېتىراپ قىلغان، ئاچقۇچلۇق پەيتتە رول ئوينايدىغان بولۇش» تەلىپىدە چىڭ تۇرۇپ، دىن ساھەسىدىكىلەرنىڭ ئېسىل ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت ئاممىسى بىلەن بىرلىكتە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئىتتىپاق-ئىناق، ئاۋات-باي، مەدەنىي-تەرەققىي قىلغان، ھەممەيلەن خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش يولىدا تۆھپە قوشۇشقا چاقىرىدۇ!
ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى (5 كىشى)
ئابدۇشۈكۈر مەمتىلى، نابىقال ئاسىقبېك (قازاق)، ئابېڭ دۆۋلەتقان (قازاق)، ما جۇڭيى (دۇڭشياڭ)، ئالى (سالا)
تارباغاتاي ۋىلايىتى (2 كىشى)
چىن مېڭجياڭ (خۇيزۇ)، قۇۋات بىياخمەت (قازاق)
ئالتاي ۋىلايىتى (2 كىشى)
ماقسات قابدەن (قازاق)، خاسان تاڭقاي (قازاق)
قاراماي شەھىرى (1 كىشى)
ئالىمجان قاسىم
بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى (2 كىشى)
ھەسەن قارى، يى يۈنېڭ (موڭغۇل)
سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى (3 كىشى)
ما دېجۈن (خۇيزۇ)، گاۋ جەنگۈي (خۇيزۇ)، شى پۇتۇڭ
ئۈرۈمچى شەھىرى (8 كىشى)
ئابدۇشۈكۈر رەھمەتۇللا، مۆھتەرەم شېرىپجان، ياۋ دېشياڭ (خۇيزۇ)، ۋاڭ خۇڭ، جيا جىرۇڭ (رۇس)، جى رېن، لى چىنفېڭ، مۇقامەتقان قاسىم (قازاق)
قۇمۇل ۋىلايىتى (2 كىشى)
ئىسمايىل سەيدۇللا، قۇۋانبېك زەيدۇل (قازاق)
تۇرپان ۋىلايىتى (2 كىشى)
ياقۇپ ھەبىبۇللا، جۇ مىڭسۈن (خۇيزۇ)
بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى (5 كىشى)
جۇڭنەي (موڭغۇل)، ليۇ شياۋچياڭ (خۇيزۇ)، گاۋ شىڭيى، ئابلەت مەمەت، ساڭگېجى (موڭغۇل)
ئاقسۇ ۋىلايىتى (10 كىشى)
ھاشىم نامەت، ھەمدۇللا رەمىتۇللا، مىجىت ئىسلام، ئەبەيدۇللا نۇر، مەمەت سادىر، كامىل ئالىم، ئەمەر ئىسمايىل، ئوبۇل ھاشىم، نۇردۇن بەشىر (قىرغىز)، باھايىدىن تاھىر
قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى (3 كىشى)
سەلەي مۇسا، ئوسمانجان جالالىدىن، قادىرئېلى مەمەتتۇرغان (قىرغىز)
قەشقەر ۋىلايىتى (15 كىشى)
ئابدۇقادىر ساۋۇت، ئىماممەمەت جۈمە، ئابباس مەمەت، تۇرسۇن مامۇت، ئوبۇلقاسىم يۈسۈپ، ئابدۇكېرىم ئابدۇقادىر، ئابدۇكېرىم مامۇت، ياسىن ئېلىقارىھاجى، مەمەت ئابدۇللا ئەمەت (ئۆزبېك)،ئەمىرئەلى دوردۇن (تاجىك)، ئابلىمىت پەرھات، مەمەت تۇردى، ئابدۇمۆمىن توختى، ئىسمايىل ئۆمەر، سوپى ھەسەن (تاجىك)
خوتەن ۋىلايىتى (10 كىشى)
مەخمۇت مەمەت، مەمتىلى ئەخمەتنىياز، توختىمەمەت ھاتەم، ئابدۇلېتىپ ئابدۇرېھىم، ئوبۇلھەسەن تۇرسۇننىياز، ئابدۇلئېزىز مەتناسىر، نەبىخان ئابلىز، ھۈسەنجان مەتروزى، ئىمىن ئابدۇراخمان، مەتتوختى ئەخمەت


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر