نەچچە يۈز ئوقۇتقۇچى 14-ئىيۇن جېجياڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرۈش نۇقتىسىدا بۇ يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرمەكتە، ئۇلار ھەر كۈنى سەككىز سائەت قەغەز تەكشۈرىدىغان بولۇپ، زېھنىي كۈچ ياكى جىسمانىي كۈچ جەھەتتىن بولسۇن، بۇ ئۇلارغا قويۇلغان بىر مۈشكۈل ۋەزىپىدۇر. ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل جېجياڭ ئۆلكىسىدىن 317 مىڭ 900 ئوقۇغۇچى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتناشقان.
ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان قەغىزىنى تەكشۈرۈش توردا تەكشۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللىنىدىغان بولۇپ، جاۋاب كارتىسىنى تەسۋىر كۆچۈرۈشتىن ئۆتكۈزۈش، شىفىرلاشتۇرۇپ مەخپىي ساقلاش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى مەخپىي مۇھىتتا ئېلىپ بېرىلىدۇ. تەكشۈرۈش مەيدانىدا ئالاقە ئۈسكۈنىلىرىنىڭ سىگنالى توسۇۋېتىلىدۇ، قەغەز تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىۋاتقان كومپىيۇتېردا سىرتقى تورلارنى زىيارەت قىلغىلى بولمايدۇ، قەغەز تەكشۈرۈۋاتقان ئوقۇتقۇچىنىڭ يانفونىمۇ قاتتىق باشقۇرۇلىدۇ، سۈرەتكە ئېلىش ۋە ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاش قەتئىي مەنئىي قىلىنىدۇ.