7-نۆۋەتلىك دېڭىز بوغۇزى مۇنبىرى 14-ئىيۇن شيامېندا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ مۇنبەرنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە تەبرىك سۆزى قىلدى.
يۈ جېڭشېڭ تەبرىك سۆزىدە ئالدى بىلەن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ھاۋالىسىگە بىنائەن، مۇنبەرگە قاتناشقان ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارغا، بولۇپمۇ تەيۋەندىن كەلگەن يۇرتداشلارغا سەمىمىي سالام يوللىدى.
يۈ جېڭشېڭ مۇنداق دېدى: بۇ نۆۋەتلىك مۇنبەردە ‹‹ياشلارغا كۆڭۈل بۆلۈش، ئاساسىي قاتلامغا مۇلازىمەت قىلىش›› باش تېما قىلىنغان بولۇپ، مۇنبەرنىڭ ئىككى قىرغاقتىكى ئاساسىي قاتلام ئاممىسىغا بولغان يۆنىلىشىنى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈپ، ‹‹ئىككى قىرغاقتىكىلەر بىر ئائىلە كىشىلىرى›› دېگەن ئىدىيەنى نامايان قىلىپ بەردى. ئىككى قىرغاقنىڭ ئالماشتۇرۇشى تۈپ يىلتىزىدىن ئادەم بىلەن ئادەمنىڭ ئالماشتۇرۇشىدۇر، ئەڭ مۇھىمى كۆڭۈللەرنىڭ چۈشىنىشىدۇر. 60 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسى قاتمۇ-قات توسالغۇلارنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىققا يۈزلەنگەن مۇساپە، شۇنداقلا بىر ئائىلە كىشىلىرى ئايرىلىشتىن قايتىدىن بىر يەرگە كېلىش مۇساپىسىدۇر. ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ ئالماشتۇرۇشى ئۆزئارا چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دىل رىشتىنى يېقىنلاشتۇرۇپ، تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنىڭ ئەنسىزلىكلەردىن قۇتۇلۇپ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلىشىنى زور ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بىلەن تەمىنلىدى، شۇنداقلا ئىككى قىرغاقنىڭ ئالماشتۇرۇش ساھەسىنى كېڭەيتىپ، ئالماشتۇرۇش مەزمۇنىنى بېيىتىپ، ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارغا ئەمەلىي نەپ ئېلىپ كەلدى.
يۈ جېڭشېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلار بىر ئائىلە كىشىلىرى، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ ئىستىقبالى دەل كۆپچىلىكنىڭ قولىدا، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسى كۆپچىلىكنىڭ ئورتاق ئېچىشىغا مۇھتاج. پەقەت ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلار تەڭ كۈچ چىقىرىپ تىرىشىدىغانلا بولسا، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالى تېخىمۇ پارلاق بولىدۇ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش ئارزۇسى بالدۇرراق ئەمەلگە ئاشىدۇ.