باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

قاغىلىقتا ئېچىلدى ئانار چېچىكى، كۆرۈندى دېھقانغا ھوسۇل شادلىقى

2015.06.04 16:46   مەنبە: خەلق تورى

قاغىلىقتا ئېچىلدى ئانار چېچىكى، كۆرۈندى دېھقانغا ھوسۇل شادلىقى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى (شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد فوتوسى)ئىيۇندا ئانارلىق باغلاردىن خۇشپۇراقلار چېچىلدى، «جۇڭگو ئانار ماكانى» دەپ نام ئالغان قاراقۇرۇم باغرىدىكى قاغىلىقتا 2 – ئىيۇن شادىيانە ساما ئۇسسۇلى بىلەن قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ 9– نۆۋەتلىك «ئانار چېچىكى پەسلىدە قاغىلىققا مەدھىيە» ئانار چېچىكى بايرىمى ناھىيە بويىچە ئەڭ چوڭ ئانارلىق بەش ئېرىق يېزىسىدا باشلاندى.

  پائالىيەت جەريانىدا جۇشقۇن ناخشا – مۇزىكا، ئۇسسۇللار ئاممىغا سۇنۇلدى، قوشقار سوقۇشتۇرۇش، توخۇ سوقۇشتۇرۇش، ئانارلىق باغدا ئانار چېچىكىنى تاماشا قىلىش قاتارلىق مەزمۇنلار ئورۇنلىنىپ، قاتناشقۇچىلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشىلدى.قاغىلىق ناھىيەلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى رۇقىيە مۇھەممەد مۇنداق دېدى: ئانار چېچىكىنى ۋاسىتە قىلىپ، بايرام تەنتەنىسىنى نامايەن قىلىپ، پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىق سەھنىسىنى ھازىرلاپ، قاغىلىقنىڭ نام – شەرىپىنى كۆپ تەرەپلىمىلىك تەشۋىق قىلىپ ۋە يۇقىرى كۆتۈرۈپ، سىرتقا قارىتا يېڭى ئوبازىنى مەركەزلىك نامايەن قىلىپ، ئۆزگىچە باغ – ئورمانچىلىق كەسىپ ئەۋزەللىكى تەبىئەت ۋە مەرىپەت مەنزىرىسى، سەھرا مەدەنىيىتىنىڭ سېھرى كۈچى قاتارلىقلارنى تولۇق نامايەن قىلىپ، يېزا ئىگىلىك ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرى ۋە ساياھەتچىلىكنىڭ جۇش ئۇرۇپ تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت.

  ئىگىلىشىمچە، قاغىلىق ناھىيەسى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۆزگىچە دېھقانچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ناھىيە بويىچە باغ – ئورمانچىلىق كۆلىمىنى 850مىڭ موغا يەتكۈزدى، بۇنىڭ ئىچىدە ئانارلىق كۆلىمى 100مىڭ موغا، مەھسۇلات مىقدارى 10مىڭ توننىدىن ئاشتى، دېھقانلارنىڭ باغ – ئورمانچىلىقتىن كىرگەن كىرىمىلا 7389يۈەنگە يەتكەن.

  مۇھەررىر:ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 【11】 【12】 【13】 【14】 【15】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·مەكتەپ مۇدىرلىرى بىلەن ئوقۇتقۇچىلار ئالمىشىپ ئىشلەيدۇ
      ·بېيجىڭ نوپۇسى بولمىغان بالىلارنىڭ ئوقۇشقا كىرىش تەكشۈرۈشى: 28كېنىشكە تەق بولغاندا ئاندىن دەسلەپكى ت…
      ·پاكىستاندىكى دېپلوم زاۋوتى تەكشۈرۈلمەكتە
      ·مائارىپ مىنىستىرلىكى: مەبلەغ ۋە بايلىقنى ئاز ساندىكى ئالىي سۈپەتلىك مەكتەپلەرگە مەركەزلەشتۈرۈشكە بو…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى : ئالىي مەكتەپلەردە ئېلاستىكىلىق ئوقۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش لازىم،  ئوقۇش سالا…
      ·24- ئىيۇندىن 26- ئىيۇنغىچە ئۈرۈمچى شەھىرىدە 280 مىڭ ئوقۇغۇچى  تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتن…
      ·ئاپتونوم رايونىمىزدا دۆلەت ئورتاق تىل–يېزىقى بويىچە بۇ يىل 6350 كىشى تەربىيەلىىنىدۇ
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپاتى بېرىدىغان ۋاسىتىچىلىك ئورنىدىن ئالتىنى ئېلان قىلدى
      ·قازاقىستاننىڭ ھازىرقى زوڭتۇڭى نەزەبايېۋ زۇڭتۇڭ سايلىمىدا غەلىبە قىلدى
      ·دۇنيادىكى ئوقۇشقا ئەڭ ماس كېلىدىغان 9رومانتىك شەھەر