باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

«غەربىي دىيار كۈيى» ئۇسسۇل كېچىلىكى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى

2015.06.04 17:11   مەنبە: خەلق تورى

«غەربىي دىيار كۈيى» ئۇسسۇل كېچىلىكى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى (ئالىم راخمان خەۋىرى، پەرىزات ئابلىھەت فوتوسى): 3-ئىيۇن كەچتە «غەربىي دىيار كۈيى» ئۇسسۇل كېچىلىكى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ قېتىملىق ئۇسسۇل كېچىلىكىگە شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتىنىڭ ياش ئوقۇتقۇچىسى، زىيارەتچى تەتقىقاتچى گۈلمىرە زۇنۇن يېتەكچىلىك قىلغان بولۇپ، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇسسۇل ئىنىستىتۇتى 2012-يىللىق نىشانلىق سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرى ۋە گۈلمىرە مۇئەللىم بىرلىكتە ئورۇنلىدى. كېچىلىكتە ئۇسسۇلىچلار نەپىس ئۇسسۇللىرى بىلەن غەربىي دىيار ئۆزگىچە سەنئىتىنىڭ سېھرىي كۈچىنى نامايان قىلدى.

  

  مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇسسۇل ئىنىستىتۇتىنىڭ 2012-يىللىق نىشانلىق سىنىپىدا ئۇيغۇر، قازاق، خۇيزۇ قاتارلىق ئۈچ ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى بار بولۇپ، ئۇلار ئۇسسۇلغا بولغان ئوتتەك قىزغىنلىق بىلەن ئۆزلىرىنىڭ ئارزۇ-ئارمانلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن سائەتلەپ، كۈنلەپ قان-تەر تۆكمەكتە، گۈزەل ئۇسسۇل ھەرىكىتى ئارقىلىق گۈزەل كەلگۈسىگە بولغان تەلپۈنۈشلىرىنى سىزىپ چىقماقتا.

  مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ زىيارەتچى تەتقىقاتچىسى، شىنجاڭ ئۇسسۇل ئىنىستىتۇتىنىڭ ياش ئۇسسۇل ئوقۇتقۇچىسى گۈلمىرە زۇنۇن بېيجىڭدا ئۆگىنىش مەزگىلىدە ئۆز تىرىشچانلىقى ئارقىلىق، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار دوكلات ئويۇنى قويۇش پۇرسىتىنى قولغا كەلتۈردى. كېچىلىك شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋىي ئۇسسۇلىنى ئاساسىي تېما قىلىپ، شىنجاڭدىكى ئەنئەنىۋىي ئۇسسۇل مەدەنىيىتىنى راۋاجلاندۇرۇپ، شىنجاڭ ئىجابىي ئېنېرگىيەسىنى كەڭ تارقاتتى.

  مۇھەررىر:ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 【6】 【7】 【8】 【9】 【10】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·مەكتەپ مۇدىرلىرى بىلەن ئوقۇتقۇچىلار ئالمىشىپ ئىشلەيدۇ
      ·بېيجىڭ نوپۇسى بولمىغان بالىلارنىڭ ئوقۇشقا كىرىش تەكشۈرۈشى: 28كېنىشكە تەق بولغاندا ئاندىن دەسلەپكى ت…
      ·پاكىستاندىكى دېپلوم زاۋوتى تەكشۈرۈلمەكتە
      ·مائارىپ مىنىستىرلىكى: مەبلەغ ۋە بايلىقنى ئاز ساندىكى ئالىي سۈپەتلىك مەكتەپلەرگە مەركەزلەشتۈرۈشكە بو…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى : ئالىي مەكتەپلەردە ئېلاستىكىلىق ئوقۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش لازىم،  ئوقۇش سالا…
      ·24- ئىيۇندىن 26- ئىيۇنغىچە ئۈرۈمچى شەھىرىدە 280 مىڭ ئوقۇغۇچى  تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتن…
      ·ئاپتونوم رايونىمىزدا دۆلەت ئورتاق تىل–يېزىقى بويىچە بۇ يىل 6350 كىشى تەربىيەلىىنىدۇ
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپاتى بېرىدىغان ۋاسىتىچىلىك ئورنىدىن ئالتىنى ئېلان قىلدى
      ·قازاقىستاننىڭ ھازىرقى زوڭتۇڭى نەزەبايېۋ زۇڭتۇڭ سايلىمىدا غەلىبە قىلدى
      ·دۇنيادىكى ئوقۇشقا ئەڭ ماس كېلىدىغان 9رومانتىك شەھەر