باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

كېلەركى ئايدىن باشلاپ قورغاستا شۇ جايغا بارغاندىن كېيىن ۋىزا قويۇش يولغا قويۇلىدۇ

2015.06.04 11:22         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇ يىل 7-ئايدا، قورغاس تاموژنىسىدا رەسمىي تۈردە يېتىپ بارغاندىن كېيىن ۋىزا مۇلازىمىتىنى بىجىرىش يولغان قويۇلىدۇ. بۇ غەربىي شىمال رايونىدا تۇنجى قېتىم يېتىپ بارغاندىن كېيىن ۋىزا مۇلازىمىتىنى بىجىرىش يولغا قويۇلغان تاموژنا.

  يېتىپ بارغاندىن كېيىنكى ۋىزا ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ ئۆزى تۇرۇشلۇق دۆلەتتىن بارماقچى بولغان باشقا دۆلەتنىڭ ۋىزىسىنى ئىلتىماس قىلغىلى بولمايدىغان بولۇپ، پاسپورت ۋە مەزكۇر دۆلەتنىڭ ئالاقىدار ئاپپاراتلىرى تارقاتقان چېگرىدىن كىرىش ئىجازەتنامىسى قاتارلىق ئىسپاتلار بىلەن مەزكۇر دۆلەت چېگرىسىدىن كىرگەندىن كېيىن ۋىزا بىجىرىشنى كۆرسىتىدۇ، يېتىپ بارغاندىن كېيىن بىجىرىدىغان ۋىزا يەككە يۆنىلىشلىك بولىدۇ. بۇ خىل ۋىزا ئوبىيكتلىرى ئاساسلىق چېگرىدىن جىددىي كىرمەكچى بولغان چەتئەللىكلەر، چېگرىدىن كىرىپ جىددىي سودا ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان، قۇرۇلۇشنى جىددىي رېمونت قىلىدىغان ياكى باشقا چېگرىدىن جىددىي كىرىشكە ئېھتىياجى بار چەتئەللىكلەر شۇنداقلا ساياھەت ئۆمەكلىرى. ئوخشىمىغان ۋىزا تۈرىگە ئاساسەن، تۇرۇشلۇق ۋاقتى ئادەتتە يەتتە كۈندىن بىر ئايغىچە بولىدۇ. (ھەبىبە ئىسمائىل تەرجىمىسى)

تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر