باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇش كومىتېتى پۈتۈن كۈچ بىلەن كىرىمنى ئاشۇرۇپ چىقمنى تېجەشنى تەلەپ قىلدى

2015.06.04 17:06         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەركەز كارخانىلىرىنىڭ پايدىسى تۆۋەنلىسە مائاشمۇ تۆۋەنلەيدۇخەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. يېقىندا دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇش كومىتېتى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، مەركەز كارخانىلىردىن پۈتۈن كۈچ بىلەن كىرىمنى ئاشۇرۇپ چىقىمنى ئازايتىپ، بارلىق مەركەز كارخانىلىرىنىڭ مائاش ئومۇمىي سوممىسغا مائاشنى باغلاش مېخانىزمىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەركەز كارخانىلىرى مائاش ئومۇمىي سوممىسىنى پايدىنىڭ كۆپىيىشىدىن ئاشۇرۇۋەتمەسلىك، پايدا تۆۋەنلىسە كارخانىلارنىڭ مائاشىنىمۇ تۆۋەتلىتىش كېرەك، تەلەپ قىلدى.

  دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇش كومىتېتى مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: مەركەز كارخانىلىرى بارلىق تەننەرخنى تامامەن كونتىرول قىلىش ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇپ، ساھەلەردە ئۆلچەمنى ئومۇميۈزلۈك قانات يايدۇرۇپ، تىجارەت تەننەرخى ئېشىشىنىڭ تىجارەت كىرىمىنىڭ ئېشىشىدىن تۆۋەن بولۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈپ، تەننەرخ خىراجەت پايدا نىسبىتىنىڭ مۇقىم ئېشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. خىراجەت چىقىم خامچوتىنى قاتتىق باشقۇرۇپ، تۈرلۈك خىراجەتلەرنى «ھۆددىگە ئېلىپ» ئىشلەتمەسلىك، خامچوتتىن سىرت چىقىم بولماسلىقتا چىڭ تۇرۇپ، بارلىق زۆرۈر بولمىغان چىقمىلارنى توسۇش كېرەك. كاماندىروپكا خىراجىتى، يىغىن خىراجىتى، كەسپىي كۈتۈۋېلىش خىراجىتى قاتارلىق چىقىملارنى قاتتىق تىزگىنلەپ، مەركەز كارخانا مەسئۇللىرى ۋەزىپە تەمىناتى ۋە كەسپىي ئىشلار چىقىمىنى ئاشۇرۇۋەتمەسلىك كېرەك. مەركەز كارخانىلىرى سىرتقا ئىئانە قىلىشنى ئەستايىدىل قېلىپلاشتۇرۇپ، خەتەردىن، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش قاتارلىق تۇيۇقسىز يۈزبەرگەن ئىشلارغا ئاجرىتىلغان مەخسۇس چىقىمدىن سىرت، پايدىسى تۆۋەنلىگەن كارخانىلارنىڭ ئىئانە قىلىش كۆلىمى پىرىنسىپ جەھەتتە ئالدىنقى يىلدىكىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. دۆلەت مۈلكىنى باشقۇرۇش كومىتېتى مەركەز كارخانىلىرىنى نامۇۋاپىق ھەق ئېلىش، سېلىق سېلىش ۋە مەبلەغ ياردەم قىلىشلار قەتئىي قارشى تۇرۇشقا مەدەت بېرىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر