- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئىجادىي كۆچمە ئىشخانا دىڭدىڭنىڭ دەرىجىسى يېڭىلاندى
2015.06.05 12:49 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئالى بابا گۇروھى يېقىندا، ئىجادىي كۆچمە ئىشخانا سۇپىسى دىڭدىڭنىڭ 2.0نىڭ نۇسخىسىنى رەسمىي تورغا چىقاردى. يۇقىرى ئۈنۈم، بىخەتەرلىك قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەرنى ھازىرلىغانلىقتىن، ئابونتلار كۆچمە خەۋەرلىشىش تېمىنالى ناھايىتى يەڭگىل ۋە ئازادە خىزمەت قىلىدۇ. دىڭدىڭ 2 نەشىرى APP كارخانا ئابونتلىرى تەرىپىدىن «ھەممىباب خىزمەت كاتىبى دەپ قارالغان. 1-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىدىن باشلاپ دىڭدىڭ APP تارقىتىلىپ قىسقىغىنا ئۈچ يىل ئىچىدە، 300 مىڭ كارخانا ۋە تەشكىلات دىڭدىڭنىڭ ئابونتىغا ئايلانغان، 100دىن ئارتۇق كەسىپ، 300دىن ئارتۇق شەھەرنى قاپلىغان؛ ھەر كۈنى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئالتە مىڭدىن ئارتۇق ئابونتنىڭ ئىقتىدار ئېھتىياجىنى تاپشۇرۇپ ئالغان. (ھەبىبە ئىسمائىل تەرجىمىسى)
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر