ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ 3-ئىيۇن قاتتىق يامغۇرغا قارىماي نەق مەيدانغا بېرىپ قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە بىر تۇتاش قوماندانلىق قىلىپ، بىرىنچى سەپتە ۋاقىتنى قولدىن بەرمەي، ناچار ھاۋادا كېچىلەپ ئىشلەپ، نۆۋەت بىلەن سۇغا چۈشكەن غەۋۋاس قاتارلىق قۇتقۇزۇش خادىملىرىنى يوقلىدى. سۈرەتتە: لى كېچياڭ دەريا قىرغىقىدا ۋاقىتلىق ياسىغان چېدىرنىڭ ئىچىدە نۆۋەتلىشىپ ئارام ئېلىۋاتقان غەۋۋاسلاردىن سەمىمىي ھال سوراپ، ئۇلارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى بىلەن سۇ ئاستىنىڭ ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرمەكتە. (شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرى خۇاڭ جىڭۋېن فوتوسى)
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ 3-ئىيۇن سەھەردە قاتتىق يامغۇرغا قارىماي نەق مەيدانغا بېرىپ قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە بىر تۇتاش قوماندانلىق قىلىپ، بىرىنچى سەپتە ۋاقىتنى قولدىن بەرمەي، ناچار ھاۋادا كېچىلەپ ئىشلەپ نۆۋەت بىلەن سۇغا چۈشكەن غەۋۋاس قاتارلىق قۇتقۇزۇش خادىملىرىنى يوقلىدى.لى كېچياڭ دەريا قىرغىقىدا ۋاقىتلىق ياسىغان چېدىرنىڭ ئىچىدە نۆۋەتلىشىپ ئارام ئېلىۋاتقان غەۋۋاسلاردىن سەمىمىي ھال سوراپ، ئۇلارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى بىلەن سۇ ئاستىنىڭ ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈردى، غەۋۋاسلارنى تالاپەتكە ئۇچرىغان يولۇچىلارغا ئۈمىد ئاتا قىلغانلىقى ئۈچۈن ماختىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: چۆكۈپ كەتكەن پاراخوتنىڭ ئىچىدە يەنە نەچچە يۈز يولۇچى بار، بىز چوقۇم ئەڭ چوڭ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىمىز كېرەك. سىلەر كەسپىي كۈچ بولۇش سالاھىيىتىڭلار بىلەن بىۋاسىتە رولىڭلارنى جارى قىلدۇرىشىڭلار كېرەك، خەلقنىڭ سىلەرگە باغلىغان ئۈمىدى چوڭ، مەسئۇلىيىتىڭلار ئېغىر. كۆپچىلىك بەدەن ئىقتىدارىغا جەڭ ئېلان قىلىپ، ۋاقتىنى قولدىن بەرمەي قۇتقۇزۇش بىلەن بىرگە، ئۆز بىخەتەرلىكىنى قوغداشقىمۇ دىققەت قىلىشى كېرەك. سۇ ئاستىدا مەشغۇلات قىلىۋاتقان غەۋۋاسلارغا سالىمىمنى يەتكۈزۈپ قويۇڭلار.
پورتنىڭ يېنىدىكى ياردەمچى كېمە ئىچىدە قۇتقۇزۇش خادىملىرى بايىلا ئىزدەپ-قۇتقۇزۇپ چىققان تالاپەتكە ئۇچرىغان يولۇچىلارنىڭ مېيىتى تۇراتتى. لى كېچياڭ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى تالاپەتكە ئۇچرىغانلارغا تازىم قىلىپ تەزىيە بىلدۈردى.