خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4 -ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: پېڭبو مىلياردېر كۆرسەتكۈچىگە ئاساسەن، zara نىڭ قۇرغۇچىسى ئامانسىئو ئورتىگا بۇفېيتدىن ئېشىپ يەر شارى بويىچە ئىككىنچى بايغا ئايلاندى.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل ئورتىگانىڭ ساپ مۈلۈكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 17 ئۆسكەن، 71مىليارد 500مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن، شىركەت بۇ يىل يەنە 480 ئېتىبار باھالىق ماللار دۇكىنى ئاچماقچى. بۇنىڭ ئىچىدە نيۇ يوركتا ئاچماقچى بولغان 3 دۇككان بار، ھەمدە شياڭگاڭ-ئاۋمېن تەيۋەن رايونلىرىدا توردا بىۋاستە سېتىش ماگىزىن ئېچىشنى پىلانلىدى.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى