باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ جۇڭگو پىئونېرلار ئەترىتى مەملىكەتلىك 7-قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشكەندە، ئېلىمىزدىكى ھەر مىللەت ئۆسمۈرلىرىگە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

گۈزەل تۇرمۇش ۋە گۈزەل جۇڭگو ئارزۇسى سىلەرگە مەنسۇپ
ليۇ يۈنشەن كۆرۈشۈشتە بىللە بولدى

2015.06.02 14:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سۈرەت سۆزى: جۇڭگو پىئونېرلار ئەترىتىنىڭ مەملىكەتلىك 7- قۇرۇلتىيى 1-ئىيۇن بېيجىڭدا ئېچىلدى. شى جىنپىڭ، ليۇ يۈنشەن قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرى «خەلق» سارىيىغا كېلىپ، ۋەكىللەر بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى ۋە خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرى ۋاڭ يې فوتوسى)

  پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن شى جىنپىڭ، ليۇ يۈنشەن قاتارلىقلار 1-ئىيۇن بېيجىڭ «خەلق» سارىيىدا جۇڭگو پىئونېرلار ئەترىتىنىڭ مەملىكەتلىك 7-قۇرۇلتىيىغا قاتناشقان ۋەكىللىرى بىلەن سەمىمىي كۆرۈشتى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرى جۈ پېڭ فوتوسى)

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «1-ئىيۇن» خەلقئارا بالىلار بايرىمى يېتىپ كەلگەن پەيتتە، جۇڭگو پىئونېرلار ئەترىتىنىڭ مەملىكەتلىك 7- قۇرۇلتىيى بېيجىڭدا ئېچىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ بارلىق ۋەكىللەر بىلەن سەمىمىي كۆرۈشتى. ئۇ ئېلىمىزدىكى ھەر مىللەت ئۆسمۈرلەردىن كىچىكىدىن باشلاپ ياخشى ئۆگىنىپ، ئىرادىلىك، ئىجادچان بولۇشنى تەلەپ قىلىپ: بالىلىق دەۋر ئەڭ قىممەتلىك مەزگىل. بۇ مەزگىلدە توغرا كىشىلىك قاراش تىكلەپ، ياخشى ئىدىيە، ياخشى پەزىلەت، ياخشى ئادەت يېتىلدۈرۈپ، ھازىر ۋەتەننىڭ ياخشى پەرزەنتى، كەلگۈسىدە ۋەتەننىڭ قۇرغۇچىسى بولۇڭلار. گۈزەل تۇرمۇش ۋە گۈزەل جۇڭگو ئارزۇسى سىلەرگە مەنسۇپ، دېدى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ليۇ يۈنشەن كۆرۈشۈشتە بىللە بولدى.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر