باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاقتۇ ناھىيەسى ئۆزگىچە ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئاساسى قاتلام كادىرلىرىنىڭ «قوش تىل» سەۋىيىسىنى ئۆستۈردى

2015.06.05 13:47         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى (لىيۇ گوچۈن، خۇرشىدەم مامۇت خەۋىرى) ئاساسى قاتلام كادىرلىرىنىڭ «قوش تىل» سەۋىيىسىنى ئۆستۈرۈپ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، ئاقتۇ ناھىيەسى كادىرلارنىڭ «قوش تىل» ئاساسىغا بىرلەشتۈرۈپ، ئۆزگىچە ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، «قوش تىل» تەربىيىسىنى قانات يايدۇردى.

  ئىمتىھاننى ۋاستە قىلىپ، ئاساسىنى ئىگىلىدى. جەنۇبى شىنجاڭ يېزا بازار كادىرلىرىنىڭ تەركىبى بىر قەدەر كۆپ خىل، «قوش تىل» سەۋىيىسىمۇ ئوخشاش ئەمەس، كادىرلارنىڭ «قوش تىل»دا سۆزلىشىش ئىقتىدارىنى تىزدىن ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، ئىمتىھاننى ۋاستە قىلىپ، پۈتۈن كادىرلارنىڭ «قوش تىل» سەۋىيسىنى سىناپ، كادىرلارنى ئوخشىمىغان دەرىجىدىكى سىنىپلارغا ئايرىپ، قاراتمىلىقى بولغان تەربىيىلەش پىلانى تۈزۈپ، سەۋىيىگە قارىتا ئۆگىتىپ، قەدەممۇ-قەدەم ئىلگىرلىگەن تەربىيىلەش ئۈنۈمىگە ئېرىشتى.

  ياردەمنى ۋاستە قىلىپ، ئۈنۈمنى يۇقىرى كۆتۈردى. تىل ئۆگىنىشنىڭ موھىم نوقتىسى ئەمەلىي قوللىنىشتا، كادىرلارنىڭ «قوش تىل»دا سۆزلىشىش ئىقتىدارىنى ھەقىقى تۈردە يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، ئايرىم ئۆگىتىش، بىرگە بىر ياردەم بېرىش، مىللى كادىرلار بىلەن خەنزۇ كادىرلار ئۆز-ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش قاتارلىق «قوش تىل» ئۆگىنىش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىپ، باشتىن-ئاخىر «قوش تىل» ئۆگىنىشنى كادىرلارنىڭ كۈندىلىك ئۆگىنىش، تۇرمۇش ۋە خىزمەتلىرىگە سىڭدۈرۈپ، «ئۆز-ئارا ياردەم بېرىش، ئورتاق ئالغا ئىلگىرلەش» مەقسىتىگە يىتىپ، بارلىق يېزا كادىرلىرىنىڭ «قوش تىل»دا سۆزلىشىش ئىقتىدارىنى كەڭ كۆلەمدە يۇقىرى كۆتۈردى.

  قوللىنىشنى ۋاستە قىلىپ، كۆزلىگەن نىشانغا يەتتى. ئەسلىدىكى ئاز ساندىكى كادىرلار ئۆگىنىشتىن كۆپ ساندىكى كادىرلار بىرلىكتە ئۆگىنىشكە ئۆزگىرىپ، كادىرلارنىڭ «قوش تىل» ئۆگىنىشتىكى تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى ۋە ئاڭلىقلىقى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى. خەنزۇتىلى سەۋىيىسىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىنىڭ بىلىم دائىرىسى كېڭىيىپ، ئېرىشكەن ئۇچۇر مىقدارى ئېشىپ، نەزەر دائىرىسى كېڭەيدى، خەنزۇ كادىرلار ئىچىدە ئۇيغۇرتىلى بىلىدىغانلىرى كۆپىيىپ، مۇستەققىل ھالدا ئاساسى قاتلام خىزمەتلىرىنى قانات يايدۇرۇش ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك ئاشتى، مىللىيلار ۋە خەنزۇلارنىڭ ئۆز-ئارا پىكىر ئالماشتۇرۇش ئىقتىدارى، خىزمەت ئىقتىدارى ۋە خىزمەت سۈپىتىدە يېڭى يۈكسىلىشلەرنى قولغا كەلتۈردى.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر