ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز پولات نىياز خەۋىرى، فوتوسى: شىنجاڭ ئارخېئولوگىيە تەتقىقات ئورنى، بايىنغولىن ئوبلاستلىق مەدەنىيەت يادىكارلىق ئىدارىسى، چەرچەن ناھىىيەلىك مەدەنىيەت يادىكارلىق ئىدارىسى بىرلىكتە 2013-يىلى بىر ئاي ۋە 2014-يىلى 1ئاي جەمىئىي ئىككى ئايلىق قېدرىپ تەكشۈرۈش ئارقىلىق چەرچەن ناھىيەسى تەۋەسىدىكى لەلىلىك خارابىلىقىدا مۇكەممەل ساقلانغان خەن، تاڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدىكى قەدىمى سۇ ئىنشائاتى سېستىمىسىنى بايقىدى. لەلىلىك خارابىلىقى چەرچەن بازىرىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى قۇملاشقان، شامالدا يىمىرىلگەن يەر يۈزى تەكشىلىكىگە جايلاشقان. شىنجاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلارنى ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش تەتقىقات ئورنىدىن ئىگەللىنىشىچە بۇ ئورۇننىڭ يەر يۈزىدىن ساپال، تاش، مىس تۆمۈر قاتارلىق ھەر خىل تارىخىي قىممىتى يۇقىرى بولغان بۇيۇملاردىن 200دىن ئارتۇق يىغىۋېلىنغان. ھەمدە بۇقېتىمقى تەكشۈرۈشتە ئىككى قەدىمىي ئۆستەڭ ۋە بىر قەدىمىي خۇمدان بايقالغان ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش ۋە ئانالىز قىلىش ئارقىلىق بۇ بۇيۇملار يېڭى تاش قۇراللار دەۋرىگە مەنسۇپ بولۇپ
تۆت مىڭ نەچچە يۈز ئىلگىرى بۇ يەردە ئىنسانلار پائالىيىتىنىڭ ئىزنالىرىنى بايقىدى، بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى بۇ بايقاش لەلىلىك خارابىلىقىنى تەتقىق قىلىش ۋە قەدىمقى چەرچەننىڭ دېھقانچىلىق، سۇغۇرۇش، كىشىلەرنىڭ ئىشلەپچىقىرىش تۇرمۇشىنى تەتقىق قىلىشتا يېڭى تارىخى ئۇچۇر ۋە مۇھىم ئارخېئولوگىيەلىك قىممەتكە ئىگە ئىكەن.چەرچەن مەدەنىيەت يۇرتىدىن پولات نىياز 13999621039سۈرەتتە: لەلىلىك خارابىلىقى ۋە ساپال بۇيۇملارنىڭ پۇچۇقلىرى