باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزىي بانكا يۇقىرى سوممىلىق ئامانەت پۇل تالونىنى يولغا قويدى

شەخسلەرنىڭ سېتىۋېلىشى 300 مىڭ يۈەندىن باشلىنىدۇ، تارقىتىش ئۆسۈم نىسبىتى بازارلاشتۇرۇش ئۇسۇلى بويىچە بېكىتىلىدۇ

2015.06.03 17:04         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو خەلق بانكىسى 2-ئىيۇن ئۆز تورىدا «يۇقىرى سوممىلىق ئامانەت پۇل تالونىنى باشقۇرۇش ۋاقىتلىق چارىسى»نى ئېلان قىلدى. يۇقىرى سوممىلىق ئامانەت پۇل تالونى دېگەن بانكا كەسپى ئامانەت پۇل تۈرىدىكى پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ غەيرىي پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى مەبلەغ سالغۇچىلىرىغا تارقاتقان ھېسابات تىپىدىكى ئامانەت پۇل ئىسپاتى بولۇپ، پۇل مۇئامىلە بازىرىدا ئوبوروت قىلىپ ئۆتكۈزۈپ بەرسە بولىدۇ.

  مەركىزىي بانكىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق دېدى: مەركىزىي بانكىنىڭ بۇ قېتىم يۇقىرى سوممىلىق ئامانەت پۇل تالونى مەھسۇلاتىنى يولغا قويۇشى قەرزدارلىق مەھسۇلاتىنىڭ بازارلاشتۇرۇپ باھا بېكىتىش دائىرىسىنى تەرتىپلىك كېڭەيتىش، بازارلاشقان ئۆسۈم نىسبىتى مېخانىزمىنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشكە پايدىلىق بولۇپلا قالماستىن، يەنە پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا باھا بېكىتىش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ چېنىقتۇرۇش، كارخانا، شەخس قاتارلىق پارچە سېتىش بازىرىغا قاتناشقۇچىلارنىڭ بازارلاشقان باھا بېكىتىش ئىدىيەسىنى يېتىلدۈرۈشكە پايدىلىق بولۇپ، ئامانەت پۇل ئۆسۈم نىسبىتىنى بازارلاشتۇرۇشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈشنى پايدىلىق ئىزدىنىش يولى بىلەن تەمىنلەيدۇ ۋە قىممەتلىك تەجرىبىلەرگە ئىگە قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، قېلىپلاشقان، بازارلاشقان يۇقىرى سوممىلىق ئامانەت پۇل تالونى روزغارچىلىق قاتارلىق يۇقىرى ئۆسۈملۈك قەرز قالغان مەھسۇلاتلارنىڭ ئورنىنى تەدرىجىي ئىگىلەپ، جەمئىيەتنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىشكە تۈرتكە بولۇشتا پائال ئەھمىيەتكە ئىگە.يۇقىرى سوممىلىق ئامانەت پۇل تالونىنى قانداق سېتىۋالىدۇ؟

  ئوخشاشمىغان مەبلەغ سېلىش كوللېكتىپى مەبلەغ سېلىش ئىقتىدارىنىڭ ئوخشاشماسلىقىنى ئويلىشىپ، «چارە»دە، شەخسىي مەبلەغ سېلىپ سېتىۋالغۇچى ئەڭ ئاز دېگەندە 300 مىڭ يۈەنلىك يۇقىرى سوممىلىق ئامانەت پۇل تالونى سېتىۋېلىشى، ئاپپارات مەبلەغ سالغۇچىلىرى ئەڭ ئاز دېگەندە 10 مىليون يۈەنلىك يۇقىرى سوممىلىق ئامانەت پۇل تالونى سېتىۋېلىشى كېرەك، دەپ بەلگىلەندى. خەلق بانكىسى كەلگۈسىدە ئۆسۈم نىسبىتىنى بازارلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش جەريانى ۋە پۇل مۇئامىلە بازىرىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، يۇقىرى سوممىلىق ئامانەت پۇل تالونىنىڭ باشلانما سېتىلىش سوممىسىنى مۇۋاپىق تەڭشەيدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر