باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

17 يىللىق دەۋانىڭ نەتىجىسى چىقتى

كانادادىكى تاماكا شىركەتلىرى 15 مىليارد جەرىمانە تۆلەيدۇ

2015.06.03 16:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى (ئالىم راخمان تەرجىمىسى): كانادا كېۋبىك يۇقىرى سوت مەھكىمىسى 17 يىلغا سوزۇلغان تاماكا چەككۈچىلەرنىڭ كوللېكتىپ ئەرز قىلىش دىلوسىغا 1-ئىيۇن كېسىم چىقىرىپ، كانادادىكى 3 تاماكا شىركىتىنى كېۋبىك ئۆلكىسىدىكى تاماكا چەككۈچىلەرگە 15 مىليارد 500 مىليون يۈەن (12 مىليارد 400 مىليون دوللار) ئەخلاقىي ۋە جازالاش خارەكتېرلىك تۆلەم بېرىشنى تەلەپ قىلدى، سەۋەبى تاماكا شىركەتلىرى كېلىپ چىقىدىغان زىياننى تاماكا چەككۈچىلەرگە تولۇق ئەسكەرتمىگەن، دېيىلدى.

  ئىچىدىكى بىر كوللېكتىپ دەۋادا تەخمىنەن 100 مىڭ كېۋبىكلىق تاماكا چەككۈچى ياكى ئىلگىرى تاماكا چېكىدىغانلار جاۋابكارنى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدىن باشلاپ ئۆزلىرى ساتقان مەھسۇلاتلارنىڭ راك ۋە باشقا كېسەللىك پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلىپ تۇرۇپمۇ سەھىيە تارماقلىرى ۋە ئاۋامنى ئاگاھلاندۇرماي، ئىستىمالچىلارنىڭ ساغلاملىقى بەدىلىگە پايدا ئالغان، دەپ كۆرسەتتى. يەنە بىر دىلودا تەخمىنەن 900 مىڭ كېۋبىكلىق تاماكا چەككۈچى ئۆزىنىڭ تاماكىغا خۇمار بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

  بۇ ئىككى كوللېكتىپ دەۋا 1998-يىلى باشلانغان بولۇپ، 2012-يىلى 3-ئايدا سوت مەھكىمىسى بۇ دېلونى قاراپ چىقىشنى باشلىغان، 43 مىڭ پارچىدىن كۆپرەك ماتېرىيالنى قاراپ چىقىپ، 76 گۇۋاھچىنىڭ ئىسپات سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، 2014-يىلى 12-ئايدا قاراپ چىقىش ئاخىرلاشقان.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر