باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج خ مىنىستىرلىقى: تور ساقچىلىرىنىڭ دائىملىق، ئاشكارە چارلاش-قانۇن ئىجرا قىلىش مېخانىزمىنى ئورنىتىش كېرەك

2015.06.02 15:00         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 31-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تور جەمئىيىتىنى ئىدارە قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تورنىڭ ئامانلىق تەرتىپىنى ھەقىقىي ساقلاش ئۈچۈن، ج خ مىنىستىرلىقى يېقىندا «تور مەھەللىسى ساقچى ئىشلىرى»، «تورلاشقان ئۇنىۋېرسال كۆزىتىش-كونترۇل قىلىش» قاتارلىق بىخەتەرلىكنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئۇسۇللىرىنى ئەستايىدىل خۇلاسىلىدى ۋە قىسمەن رايونلاردا دائىملىق، ئاشكارە چارلاش-قانۇن ئىجرا قىلىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش ئاساسىدا، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە ج خ ئورگانلىرىنىڭ تور ساقچىلىرىنىڭ دائىملىق، ئاشكارە چارلاش-قانۇن ئىجرا قىلىش مېخانىزمى ئورنىتىپ، تور ساقچىلىرىنىڭ پەردە ئارقىسىدىن ئالدىنقى سەپكە چىقىپ، چارلاش-قانۇن ئىجرا قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، توردا ساقچىلار بولۇش نىسبىتىنى ئومۇميۈزلۈك يۇقىرى كۆتىرىپ، تور جەمئىيىتىنىڭ جامائەت بىخەتەرلىك تۇيغۇسى، ئاممىنىڭ رازى بولۇش دەرىجىسىنى زور كۈچ بىلەن ئۆستۈرۈشنى ئورۇنلاشتۇردى. تۇنجى تۈركۈمدىكى 50 ئۆلكە، شەھەر ج خ ئورگانلىرى بىردەك «تور ساقچىلىرىنىڭ چارلاش-قانۇن ئىجرا قىلىش» تېمىسىدىكى بىلوگ، ئۈندىدار ۋە بەيدۇ سۆزخانىسى نامىدا 1-ئىيۇندىن باشلاپ مەركەزلىك تورغا چىقىپ، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە كىشىلىرى ۋە ئامما بىلەن بىرلىكتە، ئىناق، مەدەنىي، پاكىز تور بوشلۇقى بەرپا قىلىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر