- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
پاسپورت قاتارلىق كىنىشكىلەر تەدرىجىي ھالدا «جۇڭگو ئۆزىكى» ئورنىتىلغان كىنىشكىلەرگە ئالمىشىدۇ
2015.06.02 16:47 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2 -ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:بۇنىڭدىن كېيىن، پاسپورت، شياڭگاڭ، ئاۋمېن يول خېتى ۋە يۇرتىغا قايتىش گۇۋاھنامىسى قاتارلىق كىنىشكىلەر تەدرىجىي «جۇڭگو ئۆزىكى »ئورنىتىلغان كىنىشكىلەرگە ئالمىشىدۇ . بۈگۈن، مۇخبىرنىڭ دۆلەت تور بىخەتەرلىك تەشۋىقات ھەپتىلىكى پائالىيىتى يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، ج خ مىنىستىرلىقى ئېلىمىزنىڭ تۇنجى ئېلېكترونلۇق ساياھەت كىنىشكىسى مەخسۇس ئۆزىكىنى ئىشلىتىشىنى كېڭەيتىشنى ئورۇنلاشتۇردى.
ج خ مىنىستىرلىقى 1- تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى گو شياۋبو مۇخبىرغا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى : ئېلىمىزنىڭ خۇسۇسىي پاسپورت ، شياڭگاڭغا بىرىپ-كىلىش كىنىشكىسى، يۇرتىغا قايتىش كىنىشكىسى قاتارلىق ئېلېكترونلۇق ساياھەت كىنىشكىسىنىڭ يادرولۇق ئۆزەك مەشغۇلات سىستېمىسىنى ج خ مىنىستىرلىقى 1-تەتقىقات ئورنى تەتقىق قىلىپ چىققان. لېكىن ئۆزەكنى چەتئەل شىركىتى ئىشلەپچىقىرىپ تەمىنلىگەن.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر