باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>ئوبزور

ئامېرىكا نەنخەينىڭ مۇقىملىقىدا قالايمىقانچىلىق تەرمىسۇن

2015.06.02 14:56         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئامېرىكا تەرەپ يېقىندا نەنخەي مەسىلىسىگە قارىتا زىيادە ئىنكاس قايتۇرۇپ، سۆز-ھەرىكىتى چەكتىن ئاشتى. ئاۋۋال ھەربىي چارلاش ئايروپىلانىغا تاراتقۇلار مۇخبىرلىرىنى ئولتۇرغۇزۇپ جۇڭگو تەرەپنىڭ نەنشا تاقىم ئارىلى خادا تاش رايونىغا يېقىن كېلىپ، قۇتراتقۇلۇق قىلىپ، ۋەزىيەتنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرۈشكە ئۇرۇندى؛ ئۇنىڭدىن كېيىن 14-نۆۋەتلىك شياڭرىلا سۆھبەت يىغىنى ۋە ئاسىيا خەۋپسىزلىك يىغىنىدا ئورۇنسىز گەپ-سۆزلەرنى قىلىپ، تارىخ، قانۇن نەزەرىيىسى ۋە پاكىتنى كۆزگە ئىلماي، جۇڭگونىڭ نەنخەيدىكى ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە ھوقۇق-مەنپەئىتى توغرىسىدا غودىراپ، ئارىغا بۆلگۈنچىلىك سالدى. لېكىن ئامېرىكا تەرەپنىڭ بۇ قىلمىشى رايونلارنىڭ مۇقىملىقىغا قىلچىلىك تەسىر كۆرسەتمەستىن، بەلكى ئۆزىنىڭ خەلقئارادىكى ئىناۋىتىنى تۆكتى.ئۇزاق ۋاقىتتىن بۇيان، نەنخەينىڭ ۋەزىيىتى ئومۇمىي جەھەتتىن تىنچ، مۇقىم بولۇپ، نەنخەينىڭ قاتناش ئەركىنلىكىدە ھېچقانداق مەسىلە كۆرۈلمىدى. جۇڭگو نەنخەينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە ئالاقىدار ھوقۇق كۆز قارىشىدا تارىخ ۋە قانۇن نەزەرىيىسىنى ئاساس قىلغان، بۇنداق ئاساستىكى قۇرۇلۇش قىلىش ھەرىكىتى قانۇنلۇق، مۇۋاپىق، ئاقىلانە بولۇپ، ھېچقانداق دۆلەتكە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ ۋە قارىتىلمايدۇ. جۇڭگو تەرەپنىڭ نەنخەيگە بولغان تەلىپى ئۆزگەرمىدى، جۇڭگونىڭ سۆھبەتلىشىش- كېڭىشىش ئارقىلىق ئالاقىدار تالاش-تارتىشلارنى تىنچ ھەل قىلىشتەك مەيدانى ئۆزگەرمىدى، جۇڭگو تەرەپنىڭ نەنخەينىڭ تىنچ، مۇقىملىقىنى قوغداش نىشانى ئۆزگەرمىدى. جۇڭگو تەرەپنىڭ كونكرېت قۇرۇلۇش پائالىيىتىدىكى كۆلىمى، سۈرئىتى، جۇڭگونىڭ نەنخەيدە ئۈستىگە ئالغان دېڭىز ئۈستىدە قۇتقۇزۇش، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتنى ئازايتىش، ھاۋارايىنى كۆزىتىش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش، ئۇچۇش بىخەتەرلىكى، بېلىقچىلىق ئىشلەپچىقىرىش مۇلازىمىتى جەھەتلەردىكى خەلقئارا مەسئۇلىيىتى ۋە مەجبۇرىيىتى بىلەن ماس كېلىدۇ، شۇنداقلا مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەت ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر