خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: قۇربان مۇھەممەت فوتوسى، خەۋىرى: 30-ماي شىنجاڭ خەلقئارا يىغىن- كۆرگەزمە مەركىزىدە ،2- نۆۋەتلىك شىنجاڭ ياۋرو-ئاسىيا >>ئالتۇن كۆۋرۇك <<خەلقئارا يەرمەنكىسى داغدۇغىلىق باشلىنىپ 1-ئىيۇن غەلىبىلىك ئاياقلاشتى . بۇ قېتىمقى يەرمەنكىگە ئاپتونوم رايونىمىز تەۋەسىدىن 200دىن ئارتۇق كارخانا ، تۈركىيە ، قازاقىستان ، گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن100گە يېقىن كارخانا قاتناشقان بولۇپ ، بۇلارنىڭ ئىچىدە دىيارىمىزدا تۇنجى بولۇپ دالا ھەركىتىنى ئاساس قىلىپ قۇرۇلغان «دالاكەش» دالا ھەركىتى كۇلۇبىمۇ ئۆز ماركىسى ۋە مەخسۇس دالىدا كىيىنىدىغان سۈپەتلىك تەنتەربىيە كىيىملىرى ، چېدىر ۋە ھەر خىل ئۈسكىنىلەر بىلەن يەرمەنكىگە قاتناشقان قېرىنداش كارخانىلار ۋە كەلگەن مېھمانلارنىڭ دىققىتىنى ئالاھىدە ئۆزىگە تارتتى . مەزكۇر كۇلۇبنىڭ ئەسلىھەلىرى تولۇق ۋە ئىلغار بولۇپ ، تېرىنېر ۋە دالا ھەركىتى يېتەكچى خادىملىرى مەملىكىتىمىزدە بىر تۇتاش تارقاتقان كەسپىي گۇۋاھنامە ۋە سالاھىيەت گۇۋاھنامىسىگە ئىگە.
كۇلۇپ بۇندىن بۇرۇن دالىدا پىيادە مېڭىش ، تاققا چىقىش ، قىياغا يامىشىش ، دالىدا ۋەلسېپىت مىنىش ، مۇزغا يامىشىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى مۇۋاپىقىيەتلىك ئېلىپ بارغان . خەلقئارا ۋە دۆلىتىمىزدە ئېلىپ بېرىلغان پائالىيەتلەرگىمۇ قاتنىشىپ ئۆزىنى نامايەندە قىلغان .
كۇلۇبنىڭ پائالىيەتلىرى فوتوگلارغىمۇ ماس كەلگەچكە بىر ئۇچۇر بېرىشنى مۇۋاپىق كۆرۈپ يوللاپ قويدۇم .
مۇھەررىر:ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى