خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2 -ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:(پولات نىياز خەۋىرى) 5-ئاينىڭ 28-كۈنى چەرچەن ناھىيەلىك باغئېرىق باشلانغۇچ مەكتەپتە ناھىيەلىك مائارىپ- پەن- تېخنىكا ئىدارىسى بىلەن ناھىيەلىك مەدەنىيەت- تەنتەربىيە-رادىئو-كىنو-تىلېۋېزىيە ئىدارىسىنىڭ تەشكىللىشىدە ، شىنجاڭ تېلېگىراف شىركىتى چەرچەن تارماق شىركىتىنىڭ قوللىشىدا ئوتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك ‹‹تېلېگىراف لوڭقىسى››نى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى. مۇسابىقىغا ناھىيەلىك ئوتۇرا مەكتەپ ۋە ناھىيە تەۋەسىدىكى 12باشلانغۇچ مەكتەپتىن 13كوماندا 170ماھىر قاتناشتى. مۇسابىقە 5-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن 5-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە 3كۈن ئېلىپ بېرىلىدىكەن.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى