خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2 -ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:تەكلىپلىك مۇخبىرىمىز ئىمىنجان تۇرسۇن،ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مەريەمگۈل ئابلا خەۋەر قىلىدۇ: يوپۇرغا ناھىيەسى بۇ يىل مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش مەزمۇنىدىكى مەدەنىيەت-تەنتەربىيە،سەنئەت پائالىيەتلىرىنى ئۈزۈلدۈرمەي قانات يايدۇرۇپ، ئاممىنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتىش بىلەن بىرگە يەنە، ئاممىنىڭ ئىتتىپاقلىق، مۇقىملىق، ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىرادىسىنى چىڭىتىپ، ئەسەبىيلىككە ئورتاق قارشى تۇرۇش،ئورتاق زەربە بىرىش ئومۇمىيلىق ئىرادىسىنى كۈچەيتىشتە ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئېرىشتى.
يوپۇرغا ناھىيەسى بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان،ھەر قايسى يېزا-بازار، كەنت، مەھەللە كومىتېتلىرى ۋە ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلىرىدە ئىشچى-خىزمەتچىلەر، ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلار ۋە پارتىيە،ئىتتىپاق ئەزالىرى،دېھقانلار،دىنىي زاتلار قاتناشقان «مىللەتلەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ،ئەسەبىيلىككە ئورتاق قارشى تۇرۇش،زامانىۋى مەدەنىيەتنى ئەۋج ئالدۇرۇپ،جوڭگۇ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش» باش تېمىسىدىكى مەشرەپ، ئەلنەغمە،ۋالىبول،ۋاسكىتبول،ئوغلاق تارتىشى،ئارقان تارتىش، مىللىيچە كەشتىچىلىك،كېيىم- كېچەك كۆرگەزمىسى ۋە ئاياللارنىو مودىل مۇسابىقىسى ئارقىلىق ئەتلەس قاتارلىق مىللىيچە كېيىم، كۆينەك،ۋە ئۇزۇن چاچلىقلرنىڭ خاسلىقى، گۈزەللىكىنى جانلىق ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى. رەسىم، ئېتوت مۇسابىقىسى ئارقىلىق دىن ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ ئائىلىگە، جەمئىيەتكە كەلتۈرىدىغان زىيانلىق ماھىيتى، ئاقىۋىتىنى جانلىق سۈرەتلەپ بەردى ئارقىلىق ئاممىغا جىلىبابنىڭ كۆرۈمسىزلىكى بىلەن ئەتلەس قاتارلىق مىللىيچە كېيىم، كۆينەكلەرنىڭ خاسلىقى، گۈزەللىكىنى جانلىق ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى. رەسىم، ئېتوت مۇسابىقىسى ئارقىلىق ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ ئائىلىگە، جەمئىيەتكە كەلتۈرىدىغان زىيانلىق ماھىيتى، ئاقىۋىتىنى جانلىق سۈرەتلەپ بەردى ۋە قاتتىق قامچىلىدى. زېھىن سىناش، قىزىل ناخشا ئېيتىش مۇسابىقىسى ۋە ئىمزالىق قەسەم بىرىش پائالىيەتلىرى ئارقىلىق ئاممىنىڭ مىللەتلەر ئىتىپاقلىنى كۈچەيتىش،ئۆملۈك-ئىناقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش، ئەسەبىيلىكنى قامچىلاش ئىدىيە بىرىكمە كۈچىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملىدى.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى