باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

رۇسىيە، گېرمانىيە، فىرانسىيە ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى قانداق ھەل قىلىش ئۈستىدە پىكىر ئالماشتۇردى

2015.06.01 15:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن، گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركېل، فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ھوللاندى 29-ماي تېلېفونلىشىپ، ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى قانداق ھەل قىلىش ئۈستىدە پىكىر ئالماشتۇردى.

  ئۈچ دۆلەت رەھبەرلىرى تېلېفوندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ياۋروپا بىخەتەرلىكى ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ نازارەتچىلىكى ئارقىسىدا ئۇكرائىنادىكى توقۇنۇش بولۇۋاتقان رايوندىن ئېغىر تىپتىكى قوراللارنى چېكىندۈرۈش ۋە توقۇنۇش بولۇۋاتقان رايوندا ھەربىي ئىشلاردىن خالى بەلباغ قۇرۇشقا ئالاقىدار كېلىشىمگە قاتتىق ئەمەل قىلىش كېرەك. ئۈچ تەرەپ ئۇكرائىنا مەسىلىسىدە ھەر قايسى قاتلام ئۇچرىشىشىنى ساقلاشقا قوشۇلدى. خەلقئارا يېزىقلىق تېلېگراف ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 6-ئاينىڭ 2-كۈنى بېلارۇسىيەنىڭ پايتەختى مىنىسكىدا ئۇكرائىنا مەسىلىسى بويىچە ئۈچ تەرەپ ئالاقە گۇرۇپپىسى ۋە تارماق گۇرۇپپا سۆھبىتى ئۆتكۈزۈلىدىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر