باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

پورۇشىنكو گىروزىيەنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى ساكاشىۋىلىنى ئودېسسا ئوبلاستىنىڭ باشلىقلىقىغا تەيىنلىگەنلىكىنى جاكارلىدى

2015.06.03 15:08         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭى پورۇشىنكو 30-ماي گىرۇزىيەنىڭ سابىق زۇڭتۇڭى ساكاشىۋىلىنى ئودېسسا ئوبلاستىنىڭ باشلىقلىقىغا تەيىنلىگەنلىكىنى جاكارلىدى. ئودېسسا ئوبلاستى ئۇكرائىنا ئارمىيەسى بىلەن ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىقلار كەسكىن جەڭ قىلىۋاتقان جاي ئەمەس، بەلكى رۇسىيەپەرەسلەر بىلەن رۇسىيەگە قارشى كەيپىياتتىكىلەرنىڭ قارشىلىشىشى كەسكىن بولۇۋاتقان جاي.

  ئودېسسا ئوبلاستى قارا دېڭىزنىڭ بويىدا، «قارا دېڭىزدىكى مەرۋايىت» دېگەن نامى بار، نوپۇسى بىر مىليون 60 مىڭ، بۇنىڭ ئىچىدە رۇس ئەۋلادىدىن بولغانلار كۆپ نىسبەتنى ئىگىلەيدۇ. 2014-يىلى 5-ئايدا، شۇ جايدىكى ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى بىناسىدا ئوت ئاپتى يۈز بېرىپ، 42 ئادەم قازا قىلغان، بۇلارنىڭ كۆپىنچىسىمۇ رۇس ئەۋلادىدىن.

  ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭى پوروشىنكو بۇ يىل 13-فېۋرال زۇڭتۇڭ بۇيرۇقى ئىمزالاپ، ساكاشىۋىلىنىڭ مەسلىھەتچىلىك سالاھىيىتىنى جەزملەشتۈرگەن ھەمدە ئۇنى ھۆكۈمەت يېڭىدىن قۇرغان مەسلىھەت بېرىش كومىتېتىنىڭ رەئىسلىكىگە تەيىنلىگەن.

  گىرۇزىيە زۇڭتۇڭى ماركىۋىلاشىۋىل 31-ماي مۇنداق دېدى: سابىق زۇڭتۇڭ ساكاشىۋىل ئۇكرائىنادىدا مەنسەپ ئىزدەپ گىرۇزىيەنىڭ دۆلەت تەۋەلىكىدىن ۋاز كەچمەسلىكى كېرەك ئىدى. مەن بۇ ئىشنى قوللىمايمەن، سابىق زۇڭتۇڭ ۋەتەنگە ۋە زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىگە داغ يەتكۈزدى. پۇقرالىق سالاھىيىتى مەنسەپتىن ئۈستۈن تۇرىدۇ، ئۇنىڭ بۇ قىلمىشى يۈزىمىزنى تۆكتى.

  ساكاشىۋىل 29-ماي ئۇكرائىنانىڭ دۆلەت تەۋەلىكىگە ئۆتتى، ئەتىسى ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭى پوروشىنكو ئۇنى ئودېسسا ئوبلاستىنىڭ باشلىقلىقىغا تەيىنلىدى. گىرۇزىيە قانۇنىغا ئاساسەن، ناۋادا گىرۇزىيە پۇقرالىرى باشقا دۆلەتنىڭ پۇقرالىق سالاھىيىتىگە ئېرىشسە، گىرۇزىيە دۆلەت تەۋەلىكىدىن ئۆزلۈكىدىن قالدۇرۇلىدۇ.

  ساكاشىۋىل 1967-يىلى گىرۇزىيەدە تۇغۇلغان، ئۇكرائىنا دۆلەتلىك كىيېۋ ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن، ئۇنىڭ ئۇكرائىنا ھاكىمىيىتىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار بىلەن ئالاقىسى قويۇق. ئۇ 2004-يىلىدىن 2013-يىلىغىچە ئىككى قېتىم گىرۇزىيە زۇڭتۇڭى بولغان، بۇ جەرياندا غەربكە مايىل سىياسەت قوللانغان، بىر قاتار ئىقتىسادىي ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى يولغا قويغان. ساكاشىۋىلى ۋەزىپە ئۆتىگەن مەزگىلدە، گىرۇزىيە 2008-يىلى جەنۇبىي ئوستى مەسىلىسى سەۋەبلىك رۇسىيە بىلەن قىسقا ئۇرۇش قىلغان. ساكاشىۋىلى پارىخورلۇق قىلدى ۋە ھوقۇقىنى قالايمىقان يۈرگۈزدى دەپ ئەيىبلەنگەن، بىراق ئۇكرائىنا يېقىندا گىرۇزىيەنىڭ ساكاشىۋىلىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش تەلىپىنى رەت قىلغان. گىرۇزىيە ئالىي تەپتىش ئىشخانىسى 2014-يىلى 15-ئاۋغۇست ساكاشىۋىلىغا تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىپ، ئۇ چېگرادىن كىرگەن ھامان دەرھال قولغا ئېلىنىدۇ، دەپ جاكارلىغان. گىرۇزىيە تەپتىش دائىرىلىرى ساكاشىۋىلىنى باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ تەخمىنەن 4 مىليون 570 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى باج پۇلىنى قالايمىقان ئىشلەتتى، دەپ ئەيىبلىگەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر