- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 36 مىڭ كىشىگە ئاساسىي ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تولۇقلاپ تارقىتىلدى
2015.06.04 11:20 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئۈرۈمچى شەھەر ـ يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي ياشانغاندا كۈتۈنۈش تەمىناتىنى ئۆستۈرۈپ تولۇقلاپ تارقىتىش خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك ئاياقلاشتى، جەمئىي 5 مىليۇن 220 مىڭ يۈەن پۇل تارقىتىلىپ، 60 ياشتىن يۇقىرى شەھەر ـ يېزا ئاھالىلىرىدىن 36 مىڭ كىشىگە نەپ يەتكۈزۈلدى. شەھەر ـ يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش كاپالىتى سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، يېقىندا ئۈرۈمچىدە شەھەر ـ يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش ئاساسىي تەمىناتى ئۆستۈرۈلۈپ تارقىتىش قانات يايدۇرۇلدى. مەركىزىي مالىيە مەخسۇس مەبلەغ ئاجرىتىپ، شەھەر ـ يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنىڭ ئاساسىي ئۆلچىمى ئەسلىدىكى ئايلىقى 55 يۈەندىن ئايلىقى 70 يۈەنگە ئۆستۈرۈلۈپ، 2014-يىلى 1-ئىيۇلدىن باشلاپ تارقىتىلدى.
ئۇنىڭدىن باشقا، 2015-يىلى 1-يانۋاردىن باشلاپ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك شەھەر ـ يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنىڭ ئاساسىي ياشانغاندا كۈتۈنۈش سوممىسىنىڭ ئەڭ تۆۋەن ئۆلچىمى ئايلىقى 115 يۈەنگە كۆتۈرۈلۈپ، ئىلگىرىدىكى يېڭى تىپتىكى يېزا ـ كەنتلەرنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تەمىناتىنىڭ ئۆلچىمىدىن 30 يۈەن ئۆستۈرۈلۈپ، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى تەمىناتىدىن 15 يۈەن كۆپ بولدى. (ھەبىبە ئىسمائىل تەرجىمىسى)
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر