باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

بۇ يىل ئۈرۈمچىدە تۇنجى تۈركۈمدىكى ئەرزان ئىجارىلىك ئۆيلەرنى تەقسىملەش باشلاندى، 9-ئاينىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ 2-تۈركۈمدىكى ئۆيلەرنىڭ تەقسىملىنىش ئەھۋالى ئاشكارىلىنىشى مۇمكىن

2015.06.04 11:36         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2-ئىيۇن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك تۇرالغۇ ئۆي كاپالىتى ۋە ئۆي ـ مۈلۈك باشقۇرۇش ئىدارىسى 2015-يىللىق بىرىنچى تۈركۈمدىكى كاپالەتلىك تۇرالغۇدىكى 806 نەپەر ئەرزان ئىجارىلىك ئۆينى تاللاش تەقسىملەش رەسمىيىتى بىجىردى. 2-ئىيۇن، ئۈرۈمچى شەھەرلىك تۇرالغۇ ئۆي كاپالىتى ۋە ئۆي مۈلۈك باشقۇرۇش ئىدارىسى 7-قەۋەتتە يىغىن ئاچتى. نەچچە يۈزلىگەن ئەرزان ئىجارىلىك ئۆيدە تۇرىدىغان ئاھالە ئۆينىڭ ئادرېسى، بىنا نومۇرى، كورپۇس نومۇرى، قەۋەت سانى، ئۆي نومۇرى قاتارلىقلارنى تاللاپ بېكىتىش خىزمىتىنى بىجىردى.

  بۇ قېتىملىق تاللاشتىكى ئەرزان ئىجارىلىك ئۆيلەرنىڭ مەنبەسى چۈنخې ۋە جىڭمىڭ رايونىدىكى 421 يۈرۈش، ئارشاڭ كاڭجۈۋەن رايونىدىكى 206 يۈرۈش، شەنشۈيلەندې رايونىدىكى 177 يۈرۈش، مىدۇڭ رايونىدىكى 51 يۈرۈش.....بولۇپ، جەمئىي 11 رايوندىكى 923 يۈرۈش تۇرالغۇ ئۆي.

  نۆۋەتتە، تۆۋەن كاپالەتلىك ئائىلىلەرنىڭ ئەرزان ئىجارىلىك ئۆيىنىڭ ئىجارە ھەققى ئايلىقى ھەر كۋادرات مېتىرىغا 0.98 يۈەن بولۇپ. تۆۋەن كىرىملىك ئائىلىلەرنىڭ ئەرزان ئىجارىلىك ئۆيىنىڭ ئۆلچىمى ئايلىقى ھەر كۋادرات مېتىرى 1.8 يۈەندىن توختايدۇ. (ھەبىبە ئىسمائىل تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر