باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدا تۇنجى شام ھەيكەل سارىيى قۇرۇلدى

2015.06.03 16:47   مەنبە: خەلق تورى

شىنجاڭدا تۇنجى شام ھەيكەل سارىيى قۇرۇلدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى (ئالىم راخمان تەرجىمىسى): 1-ئىيۇن 21 نەپەر داڭلىق كىشىلەرنىڭ شام ھەيكىلى ئۈرۈمچى شەھىرى نۇرلۇق يولى ئەسىر گۈللۈكى دەۋر مەيدانىدا كۆرگەزمە قىلىندى، بۇ شىنجاڭدىكى تۇنجى شام ھەيكەل سارىيى بولۇپ، جوبىس، لى جياچېڭ، فەن بىڭبىڭ قاتارلىق 21 داڭلىق كىشىنىڭ شام ھەيكىلى كۆرگەزمە قىلىندى. كۆرگەزمە قىلىنغان قىسمەن شام ھەيكەللەر بىردە بىر نىسبەتتە ھەقىقىي شەخسلەرنى ئۈچ ئۆلچەملىك سىكاننىرلاپ، ئىچكىرىدىكى كەسپىي شام ھەيكەل سارىيىدا ياساپ پۈتتۈرگەندىن كېيىن شىنجاڭغا يۆتكەپ ئېلىپ كەلگەن. كېيىنچى شىنجاڭدىكى داڭلىق كىشىلەرنىڭ شام ھەيكىلىمۇ ياسىلىپ قويۇلىدىكەن. «بىرىنچى ئىيۇن» بايرام مەزگىلىدە بالىلار شام ھەيكەللەرنى كۆرۈپلا قالماي، يەنە شىنجاڭدىلا بار بولغان ئۆزگىچە 1100 كۋادىرات مېتىرلىق چوڭ تىپتىكى سىرلىق ئوردا ۋە ئالۋاستى ئۆيىنى تاماشا قىلالايدۇ. ئىگىلىنىشىچە، شام ھەيكەل سارىيى تىجارەت باشلىغان مەزگىلدە بىر قىسىم ئېتىبار پائالىيىت بولۇپ، ئوقۇغۇچىلىق كىنىشكىسى بولسا %80 ئېتىبار باھادىن بەھرىمەن بولالايدىكەن.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·بېيجىڭ نوپۇسى بولمىغان بالىلارنىڭ ئوقۇشقا كىرىش تەكشۈرۈشى: 28كېنىشكە تەق بولغاندا ئاندىن دەسلەپكى ت…
      ·پاكىستاندىكى دېپلوم زاۋوتى تەكشۈرۈلمەكتە
      ·مائارىپ مىنىستىرلىكى: مەبلەغ ۋە بايلىقنى ئاز ساندىكى ئالىي سۈپەتلىك مەكتەپلەرگە مەركەزلەشتۈرۈشكە بو…
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى : ئالىي مەكتەپلەردە ئېلاستىكىلىق ئوقۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇش لازىم،  ئوقۇش سالا…
      ·24- ئىيۇندىن 26- ئىيۇنغىچە ئۈرۈمچى شەھىرىدە 280 مىڭ ئوقۇغۇچى  تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتن…
      ·ئاپتونوم رايونىمىزدا دۆلەت ئورتاق تىل–يېزىقى بويىچە بۇ يىل 6350 كىشى تەربىيەلىىنىدۇ
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ساختا ئوقۇش تارىخى ئىسپاتى بېرىدىغان ۋاسىتىچىلىك ئورنىدىن ئالتىنى ئېلان قىلدى
      ·قازاقىستاننىڭ ھازىرقى زوڭتۇڭى نەزەبايېۋ زۇڭتۇڭ سايلىمىدا غەلىبە قىلدى
      ·دۇنيادىكى ئوقۇشقا ئەڭ ماس كېلىدىغان 9رومانتىك شەھەر
      ·شىنجاڭدىكى 11 ئالىي مەكتەپ مەخسۇس كۇرستىن تولۇق كۇرسقا 847 ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇ