باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مائارىپ مىنىستىرلىقى قاتارلىق ئورۇنلار ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن بۇرۇن باشقىلار ئۈچۈن ئىمتىھان بېرىش، ئىمتىھاندا كۆچۈرۈش قىلمىشلىرىغا مەركەزلىك زەربە بەردى

2015.06.03 16:59         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2015-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، مائارىپ مىنىستىرلىقى، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى، ج خ مىنىستىرلىقى قاتارلىق ئورۇنلار بىرلىكتە ئورتاق باشقۇرۇپ تۇتۇپ، ئىمتىھان ئىستىلى، ئىمتىھان ئىنتىزامىنى ياخشىلاپ، ياخشى بولغان ئىمتىھان بېرىش مۇھىتى بەرپا قىلىدۇ. ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن بۇرۇن «كۆچۈرمىچىلىك قىلىش سايمانلىرىنى سېتىشقا زەربە بېرىش»، «ئىمتىھانغا چېتىلىدىغان تور مۇھىتىنى پاكىزلاش»، «ئىمتىھان نۇقتىلىرى ئەتراپىنىڭ مۇھىتىنى پاكىزلاش»، «باشقىلار ئۈچۈن ئىمتىھان بېرىپ ساختىلىق قىلىشقا زەربە بېرىش» قاتارلىق تۆت چوڭ ئۇنىۋېرسال تۈزەش مەخسۇس ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرىدۇ.

  مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن بۇرۇن قىسمەن جايلارنىڭ مائارىپ ۋە ئىمتىھان ئېلىپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن سۆزلىشىپ، ئىمتىھان ئىستىلى، ئىمتىھان ئىنتىزامى ناچار ئۆلكىلەرنىڭ تۈزەش خىزمىتىنى ئىشلەشكە ھەيدەكچىلىك قىلىشقا يېتەكلىدى ۋە ئىمتىھان ئىستىلى، ئىمتىھان ئىنتىزامىنى ياخشىلاش، ئاجىز ھالقىلارنى كۈچەيتىش، خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، جاۋابكارلىقىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش قاتارلىقلار توغرىسىدا تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر