- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
بىخەتەرلىك مۇداپىئە لىنىيەسىنى بوشاشتۇرۇشقا قەتئىي بولمايدۇ
2015.06.03 16:58 مەنبە: خەلق تورى
چۇڭچىڭ «شەرق» پاراخوت شىركىتىنىڭ 458 يولۇچى ئولتۇرغان يولۇچىلار پاراخوتى 1-ئىيۇن كەچتە تۇيۇقسىز قارا قۇيۇنغا ئۇچراپ ئۆرۈلۈپ كېتىپ كۆمتۈرۈلۈپ قالدى. ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن ۋەقەگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. باش شۇجى شى جىنپىڭ دەرھال مۇھىم تەسىتىقىي يوليورۇق بېرىپ، نەق مەيداندا ئىزدەش-قۇتقۇزۇش ۋە ئاخىرەتلىك ئىشلارنى ئوبدان بىر تەرەپ قىلىش، جامائەت ئامانلىقىنى كۈچەيتىش قاتارلىقلار توغرىسىدا ئورۇنلاشتۇرۇش قىلدى. لى كېچياڭ باش شۇجى شى جىنپىڭغا ۋاكالىتەن نەق مەيدانغا بېرىپ، قۇتقۇزۇش ۋە جىددىي ئەھۋالنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىگە قوماندانلىق قىلدى. قاتناش تارماقلىرى، ئازادلىق ئارمىيە، قوراللىق ساقچى قىسىم، خۇبېي ئۆلكىسى، خۇنەن ئۆلكىسى قاتارلىق ھەر تەرەپ جىددىي ھەرىكەتكە كېلىپ، 3000 نەچچە كىشىنى تەشكىللەپ پۈتۈن كۈچى بىلەن خەتەرگە يولۇققانلارنى قۇتقۇزدى. 2-ئىيۇن سائەت 19:00غىچە، 20 كىشى تېپىلدى، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى 14ى ئامان قالدى، قۇتقۇزۇش ۋە ئالاقىدار بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتى جىددىي ئېلىپ بېرىلماقتا.
بۇ ۋەقە يەنە بىر قېتىم جامائەت ئامانلىقى سېگنالىنى چالدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەكىتلىگىنىگە ئوخشاش، بۇ ۋەقەدىن چوڭقۇر ساۋاق ئېلىپ، جامائەت ئامانلىقىنى قوغداش تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىپ، خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش كېرەك. پاراخوت ئۆرۈلۈپ ۋەقەسى كىرپىك قاققىچە بولغان ۋاقىتتا يۈز بەرگەن ئىش، لېكىن جامائەت ئامانلىقى ھايات-ماماتقا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم ئىش، ھەر قانداق ۋاقىتتا بىخەستەلىك قىلىشقا، ھەر قانداق ھالقىغا بىپەرۋالىق قىلىشقا بولمايدۇ. كۈلپەت ئېڭى، مەسئۇلىيەت ئېڭىنى ھەر ۋاقىت چىڭ ساقلاپ، باشتىن-ئاخىر ھوشيار تۇرۇپ، پۇختا، ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللانغاندىلا، مۇستەھكەم بىخەتەرلىك مۇداپىئە لىنىيەسى قۇرغىلى بولىدۇ.
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر