باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مائارىپ مىنىستىرلىقى «مايسا قوغداش 2015-يىللىق تور ھەرىكىتى»نى قانات يايدۇردى

2015.06.03 14:59         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ 1-ئىيۇن مائارىپ مىنىستىرلىقىدىن ئۇقۇشىچە، ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىلىق تور مۇھىتى ھازىرلاپ، ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ تور بىخەتەرلىك ئېڭىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، مائارىپ مىنىستىرلىقى مەركىزىي كومىتېت ئىنتېر تورى ئۇچۇر ئىشخانىسىنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، 1-ئىيۇننىڭ ئالدى-كەينىدە «مايسا قوغداش 2015-يىللىق تور ھەرىكىتى»گە ئالاقىدار پائالىيەتلەرنى مەركەزلىك قانات يايدۇرۇپ، 1-ئىيۇن بالىلار بايرىمىغا تېرىشپ ياخشى مۇھىت ھازىرلاپ، ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىنى قوغدىغان.

  مائارىپ مىنىستىرلىقى پائالىيەتتە، ئىنتېر تورىنىڭ قولايلىقى، ئەۋزەللىكىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، «ئۆسمۈرلەر جۇڭخۇانىڭ ئېسىل ئەنئەنىۋى پەزىلىتىگە ۋارىسلىق قىلىش»، «بالىلار نوپۇزلۇق مۇنبىرى»، «ھۆسنخەت كۆرگەزمىسى»، «قىزىل ئىزلارنى ئىزدەش» قاتارلىق يۈرۈشلۈك مول، رەڭدار باش تېمىلىق تەربىيە پائالىيەتلىرىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى پائال يېتىلدۈرۈش ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشكە يېتەكلىدى.

  مائارىپ مىنىستىرلىقى پائالىيەتتە، مەكتەپ تەربىيەسىنىڭ ئاساسلىق رولىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئوخشىمىغان ياش، ئوخشىمىغان باسقۇچتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالاھىدىلىكىگە قارىتا، باش تېمىلىق تەربىيە ۋە زېھىن سىناش مۇسابىقىسى قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەرنى قوللىنىپ، ياش-ئۆسمۈرلەرنى تور بىخەتەرلىك ئېڭى تۇرغۇزۇشقا يەنىمۇ يېتەكلەپ، توردىكى ناچار ئۇچۇرلارنى، توسۇش، پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارى ۋە ئاڭلىقلىقىنى ئۆستۈردى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر