باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

دۇنيادىكى ئۆزگىچە بالىلار بايراملىرى

2015.06.03 15:06         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بالىلارنى قوغداش، پاراۋانلىق ۋە مائارىپ قاتارلىق ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش، بالىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، 1954-يىلى 14-دېكابىر، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىدا قارار ماقۇللىنىپ، بارلىق دۆلەتلەردە خەلقئارا بالىلار كۈنى تەسىس قىلىش ھەمدە ھەر يىلى مۇۋاپىق ۋاقىت تاللاپ، ھەرقايسى دۆلەتلەر ئۆزلىرىنىڭ ئۇسۇلى ئارقىلىق بالىلار كۈنىنى تەبرىكلەش تەكلىپى بېرىلدى.

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى «1-ئىيۇن» خەلقئارا بالىلار بايرىمىدىن باشقا يەنە «خەلقئارا بالىلار كۈنى» ۋە «خەلقئارا قىز بالىلار كۈنى» تەسىس قىلدى. نۇرغۇن دۆلەتلەر ئۆزلىرىنىڭ بالىلار كۈنى ياكى بالىلار بايرىمىنى تەسىس قىلدى، بەزى دۆلەتلەردە ھەتتا بىر يىلدا بىرقانچە بالىلار بايرىمى بار. بۇ بالىلار كۈنى ياكى بالىلار بايرىمى ئوخشاش بولمىغان دۆلەتلەرنىڭ ئەنئەنە، ئۆرپ ئادىتىنى ئەكس ئەتتۈردى. ئۇلارنىڭ تەبرىكلەش ئۇسۇلىمۇ ئۆزگىچە، قىزىقارلىق.

  تۆۋەندە بىرقانچە دۆلەتتىكى بالىلار كۈنى ياكى بالىلار بايرىمى توغرىسىدا سۆزلەپ بېرىمىز:

  خەلقئارا بالىلار كۈنى: 20-نويابىردىكى «خەلقئارا بالىلار كۈنى» بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن باشلانغان بولۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىنىڭ 1959-يىلى مۇشۇ كۈنى ۋە 1989-يىلى مۇشۇ كۈنى ماقۇللىغان «بالىلار ھوقۇقى خىتابنامىسى» ۋە «بالىلار ھوقۇقى ئەھدىنامىسى»نى خاتىرىلەش ئۈچۈن تەسىس قىلىنغان.

  «خەلقئارا قىز بالىلار كۈنى» :2011-يىلى 19-دېكابىر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىدا قارار ماقۇللىنىپ، ھەر يىلى 11-ئۆكتەبىرنى «خەلقئارا قىز بالىلار كۈنى» قىلىپ بېكىتىپ، قىز بالىلارنىڭ ھوقۇقى ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى قىز بالىلار دۇچ كېلىۋاتقان ئۆزگىچە خىرىسلارغا كۆڭۈل بۆلۈش قارار قىلىنغان.

  «ياپونىيەدىكى <قىزلار بايرىمى> ۋە <ئوغۇللار بايرىمى>»: ياپونىيە دۇنيادىكى بالىلار بايرىمىنى تەبرىكلەش قېتىم سانى ئەڭ كۆپ دۆلەت، 3-مارت ياپونىيە قىزلار بايرىمى، قىز بالا بار ئائىلىلەر نەپىس ئىشلەنگەن قورچاقلارنى تىزىدۇ. 5-ماي ياپونىيە ئوغۇللار بايرىمى، ئوغۇل بالا بار ئائىلە كارىب بېلىقى بايرىقى ئېسىپ بەخت تىلەيدۇ. 15-نويابىر ياپونىيەنىڭ 753 بايرىمى. ياپونلارنىڭ ئۆرپ ئادىتىدە، ئۈچ ياش، بەش ياش ۋە يەتتە ياش بالىلار ئىنتايىن بەختلىك ئۈچ ياش بۆلىكى ھېسابلىنىدۇ، شۇڭا ھەر يىلى 15-نويابىر مەملىكەت بويىچە مۇشۇ ئۈچ ياشتىكى بالىلارغا قىزغىن بايرام ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدۇ.

  «شىۋېتسىيە: <ئوغۇللار بايرىمى> ۋە <قىزلار بايرىمى>»: شىۋېتسىيەدە 7-ئاۋغۇست «ئوغۇللار بايرىمى»، ئۇ يەنە «چوڭ راك بايرىمى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ، بۇ كۈنى ئوغۇللار چوڭ راكتەك ياسىنىپ، چوڭ راكنىڭ قەيسەرلىك روھىدىن ئۆگىنىدۇ. 13-دېكابىر «قىزلار بايرىمى»، بۇ يەنە «لۇسىيا ئايال ئىلاھ بايرىمى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. لۇسىيە شىۋېيتسىيەنىڭ رىۋايەتلىرىدىكى مەخسۇس قىزلارنى قوغدايدىغان ئايال ئىلاھ. بۇ كۈنى قىزلار مۇشۇ ئىلاھقا ئوخشاش ياسىنىدۇ. كولومبىيەدە بالىلار بايرىمى.

  4-ئىيۇل كولومبىيەدە بالىلار بايرىمى كۈنى. بۇ كۈنى بالىلار ئادەتتە ھەر خىل نېقاپلارنى تاقاپ، قىزىقچى قىياپىتىدە كوچىلارغا چىقىپ ئوينايدۇ.

  بىرازىلىيەدە بالىلار بايرىمى

  . بىرازىلىيەدە 15-ئاۋغۇست بالىلار بايرىمى كۈنى. بۇ كۈنى بىرازىلىيەنىڭ مەملىكەت بويىچە يۇقۇملۇق كېسەللەردىن مۇداپىئەلىنىش كۈنى بولۇپ، بالىلار بايرىمى بىلەن يۇقۇملۇق كېسەللەردىن مۇداپىئەلىنىش كۈنى بىرلىشىپ كەتكەچكە، بىرازىلىيەلىكلەر بالىلارنىڭ ساغلاملىقىغا ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىدۇ، بالىلاردا كىچىكىدىن تارتىپ ساغلاملىق ئېڭى يېتىلدۈرۈلىدۇ. بۇندىن باشقا ھەر يىلى 12-ئۆكتەبىر مەريەمئانا ئەرۋاھىنىڭ كۆرۈنۈشى كۈنىمۇ ئادەتتە بىرازىلىيەلىكلەرنىڭ بالىلار بايرىمى ھېسابلىنىدۇ. بۇ كۈنى ئاتا-ئانىلار بالىلىرىغا سوغا تەييارلايدۇ.

  تۈركىيەدە بالىلار بايرىمى

  تۈركىيەدە ھەر يىلى 23-ئاپرېل كىشىلىك ھوقۇق ۋە بالىلار بايرىمى بولىدۇ. 1920-يىلى بۇ كۈندە تۈركىيە بۈيۈك پارلامېنتى بىرىنچى قېتىم يىغىن ئۆتكۈزگەن بولۇپ، بۇ كۈننى خاتىرىلەش ئۈچۈن شۇ كۈنى ئاممىنىڭ دەم ئېلىش كۈنى بولۇپلا قالماستىن يەنە بالىلار بايرىمى قىلىپ بېكىتىلگەن. تۈركىيە ھۆكۈمىتى بۇ كۈنى يەنە باشقا دۆلەتتىكى بالىلارنى مېھمان بولۇپ، بايرامنى بىرلىكتە ئۆتكۈزۈشكە تەكلىپ قىلىدۇ.

  ئافرىقىدا بالىلار بايرىمى.

  ئافرىقىدا 16-ئىيۇن بالىلار بايرىمى بولىدۇ. 1976-يىلى جەنۇبىي ئافرىقىدىكى مىللەتچىلىك قىرغىنچىلىقىدا ئۆلتۈرۈلگەن قارا تەنلىك ئوقۇغۇچىلارنى خاتىرىلەش ئۈچۈن، 1990-يىلى 26-نۆۋەتلىك ئافرىقا تەشكىلاتىنىڭ تۇنجى باشلىقلىرى يىغىنىدا 16-ئىيۇننى ئافرىقىنىڭ بالىلار بايرىمى قىلىپ بېكىتىش قارار قىلىنغان.

  ھەر يىلى بۇ كۈندە ئافرىقىدىكى نۇرغۇن بالىلار ئويۇن قويۇش، ئويۇن ئويناش، ناخشا ئېيتىپ ئۇسسۇل ئويناش ئارقىلىق بۇ بايرامنى تەبرىكلەيدۇ.

  بۇندىن باشقا ئىسپانىيەدە بالىلار بايرىمى 15-يانۋار، كورېيەدە بالىلار بايرىمى 5-ماي، ئەنگلىيەدە بالىلار بايرىمى 14-ئىيۇل، سىنگاپوردا بالىلار بايرىمى 1-ئۆكتەبىر، ھىندىستاندا بالىلار بايرىمى 14-نويابىر....

  گەرچە دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەردە بالىلار بايرىمى ئوخشاش بولمىسىمۇ، لېكىن مەقسىتى بىر، ئۇ بولسىمۇ ھەممەيلەننى بالىلار مەسىلىسىگە ئەھمىيەت بېرىپ، بالىلار ئىشلىرىنىڭ يەنىمۇ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، دۇنيادىكى بالىلارغا تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسى يارىتىپ بېرىشكە مۇراجىئەت قىلىشتىن ئىبارەت.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر