باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جەنۇبنىڭ سۈيىنى شىمالغا باشلىغاندىن كېيىن بېيجىڭ زاپاس قۇدۇقلىرىدىن نۇرغۇن كىشى نەپكە ئېرىشتى

2015.06.03 15:02         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بېيجىڭ شەھىرى بۇ يىل ئۆزى تەييارلىغان قۇدۇقلارنى ئالماشتۇرۇش خىزمىتىنى يولغا قويۇپ، جەنۇبنىڭ سۈيىنى شىمالغا باشلاش قۇرۇلۇشىغا تايىنىپ سۇ باشلاپ كېلىپ، ئاھالىلەرنىڭ سۇ سۈپىتىنى ياخشىلاپ، بۇزۇلغان يەر ئاستى سۈيى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ئوڭشىدى. ھازىرغىچە، بېيجىڭ شەھىرى 11 مەھەللە ۋە ئورۇننىڭ ئۆزى تەييارلىغان قۇدۇقلىرىنى ئالماشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى تاماملاپ، ئۆزى تەييارلىغان قۇدۇقلارنىڭ 21 كۆزىنى ئېتىپ، 90 مىڭغا يېقىن ئادەمگە نەپ يەتكۈزدى.

  جەنۇبنىڭ سۈيىنى شىمالغا باشلاش ئوتتۇرا لىنىيە قۇرۇلۇشىدا بۇلتۇرنىڭ ئاخىرىدا سۇ قويۇپ بېرىلىپ، جەنۇبنىڭ سۈيى بېيجىڭغا يېتىپ كەلدى. 5-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، بېيجىڭغا كىرگەن سۇنىڭ مىقدارى 200 مىليون كۇب مېتىرغا يەتتى. ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەر تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئۆزى تەييارلىغان قۇدۇقلارنى ئالماشتۇرۇپ ۋە پېچەتلەپ بولغاندىن كېيىن، يەر ئاستى سۈيىنى تىزگىنلەش ئارقىلىق، بېيجىڭنىڭ سۇ بايلىقىنى قوغداشتىكى مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرغىلى بولىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر