باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا جەنۇبىي دېڭىزنىڭ مۇقىملىقىغا قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرمىسۇن

2015.06.03 15:07         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يېقىندىن بۇيان ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىدىكى ئىنكاسى كۈچلۈك بولدى، سۆز-ھەرىكىتى نامۇۋاپىق بولدى. باشتا مۇخبىرلار ئولتۇرغان ھەربىي رازۋېدكا ئايروپىلانىنى جۇڭگونىڭ نەنشادىكى ئالاقىدار ئاراللارغا يېقىن دېڭىز تەۋەسىگە ئەۋەتىپ، ئوتقۇيرۇقلۇق قىلدى ۋە ۋەزىيەتنى جىددىيلەشتۈرۈش سۈيقەستىدە بولدى؛ ئارقىدىن 14-نۆۋەتلىك شياڭگىرىلا سۆزلىشىشى ھەم ئاسىيا بىخەتەرلىك يىغىنىدا كەلسە-كەلمەس سۆزلەرنى قىلىپ، تارىخقا، قانۇنىي ئاساسقا ۋە پاكىتقا پىسەنت قىلماي، جۇڭگونىڭ جەنۇبىي دېڭىزغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە ھوقۇق-مەنپەئەتىگە ئىغۋاگەرچىلىك قىلدى. شۇنىڭدىن كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى، ئامېرىكىنىڭ بۇ قىلمىشلىرى رايوننىڭ مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە قىلچە پايدىسىز، ئەكسىچە بولسا، ئامېرىكىنىڭ خەلقئارادىكى ئاممىۋىي ئىشەنچىلىكلىكىگە زىيان يەتكۈزىدۇ.

  ئۇزۇندىن بۇيان، جەنۇبىي دېڭىز ۋەزىيىتى ئومۇمىي جەھەتتىن تىنچ، مۇقىم بولۇپ كەلدى، جەنۇبىي دېڭىزنىڭ قاتناش ئەركىنلىكىدە ھېچقانداق مەسىلە مەۋجۇت ئەمەس. جۇڭگونىڭ جەنۇبىي دېڭىزغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە ئالاقىدار ھوقۇق تەشەببۇسلىرىنىڭ تولۇق تارىخى ۋە قانۇنىي ئاساسىي بار، مۇشۇ ئاساستا قىلىنىۋاتقان قۇرۇلۇشلار قانۇنلۇق، مۇۋاپىق، ئەقىلگە ئۇيغۇن، بۇ ھېچقانداق بىر دۆلەتكە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ شۇنداقلا ھېچقانداق بىر دۆلەتكە قارىتىلمىغان. جۇڭگونىڭ جەنۇبىي دېڭىزغا بولغان دەۋا تەلىپىدە ئۆزگىرىش بولمىدى، جۇڭگونىڭ ئالاقىدار تالاش-تارتىشلارنى سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىش مەيدانىدا ئۆزگىرىش بولمىدى، جۇڭگونىڭ جەنۇبىي دېڭىزنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداش نىشانىدا ئۆزگىرىش بولمىدى. جۇڭگونىڭ كونكرېت قۇرۇلۇشىنىڭ كۆلىمى، سۈرئىتى جۇڭگونىڭ جەنۇبىي دېڭىزدا قۇتقۇزۇش، ئاپەتتىن مۇداپىئە كۆرۈش، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش، ھاۋارايىنى كۆزىتىش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش، قاتناش بىخەتەرلىكى، بېلىقچىلىق ئىشلەپچىقىرىش مۇلازىمىتى قاتارلىق جەھەتلەردە ئۈستىگە ئالغان خەلقئارا مەسئۇلىيىتى ۋە مەجبۇرىيىتى بىلەن ئۇيغۇن، شۇنداقلا بۇ مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەتنىڭ قىلىدىغان ئىشى.

  جۇڭگونىڭ مەيدانى قەتئىي، ئېنىق، ئۇ بولسىمۇ: جۇڭگوغا تەۋە بولمىغان بىر پۇڭ يەرنىمۇ ئالمايمىز، جۇڭگوغا تەۋە يەرنى ھەرگىز قولدىن بەرمەيمىز. يېڭى جۇڭگونىڭ 60 نەچچە يىللىق ئۆسۈپ يېتىلىش تارىخى دۇنياغا شۇنى ئىسپاتلايدۇكى، جۇڭگو ئەزەلدىن ئالۋاستىدىن قورقۇپ باقمىغان، رەزىلىككە ئىشەنمەيدۇ، قائىدىگە بويسۇنىدۇ، زومىگەرلىككە باش ئەگمەيدۇ، قائىدىگە ئىشىنىدۇ، بىدئەتلىككە ئىشەنمەيدۇ، ھەر قانداق كىشى جۇڭگو دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، بىخەتەرلىكى، تەرەققىيات مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان قىلمىشلارغا سەۋر-تاقەت قىلىدۇ، دەپ خام خىيال قىلمىسۇن!

  ئامېرىكا جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىگە ئالاقىدار دۆلەت ئەمەس، بۇ رايوندىكى دۆلەتلەرنىڭ جەنۇبىي دېڭىزنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداش تىرىشچانلىقىغا كاشىلا قىلىش ئامېرىكىنى بۇ رايوندا قارشى ئېلىنمايدىغان ھالغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ. جۇڭگو ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىشتىكى «قوش رېلىسلىق ئوي-پىكرى»نى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى، «جەنۇبىي دېڭىز ھەرىكەت مىزانى» ھەققىدىكى كېڭىشىشتىمۇ ئىجابىي ئىلگىرىلەش بولدى، جۇڭگو ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر «مىزان» ھەققىدىكى كېڭىشىشنىڭ دەسلەپكى نەتىجىسى توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلدى. سىنگاپور زۇڭلىسى لى شيەنلۇڭ شياڭگىرىلا سۆزلىشىشىدە ئېيتقاندەك، جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسى مەۋجۇت بولسىمۇ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇش ئارزۇسى بىردەك، ئاسىيادىكى ھەر قانداق بىر دۆلەت جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئارىسىدا قايسى تەرەپتە تۇرۇشنى تاللاشنى خالىمايدۇ.

  بىر قىسىم خەلقئارا جامائەتچىلىك: ئامېرىكىنىڭ قائىدە-تۈزۈملەرگە خىلاپلىق قىلىشى كۈچلۈك تاقەتسىزلىك كەيپىياتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرمەكتە، دەپ كۆرسەتتى. ئەنگلىيە «مۇھاپىزەتچىلەر گېزىتى» نىڭ ماقالىسىدا مۇنداق دەپ ھېسابلاندى: «ئاسىيادا ھەربىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتە يېتەكچىلىك ئورۇننى تالىشىش» ئامېرىكىنىڭ «ئورنىنى، ئىمتىيازىنى، ئوبرازىنى ساقلاپ قېلىشتا زىيادە سەزگۈرلىشىپ كەتكەنلىكىنىڭ ئىپادىسى». ھالبۇكى، بۇنداق تاقەتسىزلىك كەيپىياتىنىڭ كېڭىيىشى ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىغا زىيان يەتكۈزىدۇ، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى دۆلەتلەر ۋە خەلقنىڭ ئورتاق ئارزۇسى ۋە مەنپەئەتىگە زىت، ئامېرىكىنىڭ ئۆزىگىمۇ قىلچە پايدىسىز.

  نۆۋەتتە جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ مۇناسىۋىتى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ، لېكىن بۇنداق مۇقىملىق قالايمىقانچىلىقنى كۆتۈرەلمەيدۇ. تېخىمۇ مۇھىم بولغىنى، ئىككى تەرەپ ئىختىلاپلارنى مۇۋاپىق كونترول قىلسا ۋە ياخشى بىر تەرەپ قىلسا، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ چوڭ يۆنىلىشى كاشىلىدىن قۇتۇلۇپ قالىدۇ. جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسى جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئارىسىدىكى مەسىلە ئەمەس شۇنداقلا ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى مەسىلە بولۇپ قالماسلىقى كېرەك. ئامېرىكا بۇ جەھەتتىكى ئېڭىنى كۈچەيتىپ، سۆز-ھەرىكەتتە ئېھتىياتچان بولۇپ، جەنۇبىي دېڭىز رايونىنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ مۇناسىۋىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان سۆز-ھەرىكەتلەرنى توختىتىشى كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر