خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى (ئالىم راخمان تەرجىمىسى): ھازىرقى كىشىلەر بەختلىك، ئىللىق ئائىلىسىدە ئۇخلايدۇ، راھەت ماشىنىدا ئولتۇرىدۇ، نازۇ-نېمەتلەر بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ، بىكار بولسا تېلېۋىزور كۆرىدۇ، ئويۇن ئوينايدۇ دېگەندەك. ئەمما قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىدا شۇنداق بىر توپ كىشىلەر بار. ئۇلار ھەر كۈنى كېگىز ئۆيدە ئۇخلايدۇ، يانفونى، ماشېنىسى يوق، تېلېۋىزور ھەتتا چىراغمۇ يوق. ئۇلار قارا ئاشلىق يەيدۇ، قارنى ئېرىتىپ ئىچىدۇ، سىرتقا چىقسا ئات مېنىدۇ ياكى ئىككى پۇتىغا تايىنىدۇ، ئۇلارنىڭ قارايدىغىنى دۆلىتىمىزنىڭ كەڭرى كەتكەن چېگرا سىزىقى. ئۇلار دەل ئەڭ سۆيۈملۈك كىشىلىرىمىز، ھەربىي فورما كىيمەيدىغان چېگرا قوغدىغۇچىلاردۇر.
ھازىر قىزىلسۇنىڭ 70 مىڭ كۋادىرات كېلومېتىرلىق كەڭ زېمىنىدا 3000 دىن كۆپرەك قوغدىغۇچى ۋەتەننىڭ چېگرا مۇداپىيە ئىشلىرى ئۈچۈن ياشلىقىنى تەقدىم قىلماقتا.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى