- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
مەركەز ئورگانلىرى 2015- يىلى 400 كادىرنى ئاشكارا تاللاپ ئىشقا قويىدۇ
2015.05.28 15:59 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزى تەشكىلات بۆلۈمى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، دۆلەت مەمۇرلار ئىدارىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 2015- يىلى مەركەز ئورگانلىرى ئاشكارا تاللاپ ئىشقا قويىدىغان مەمۇرلىققا تىزىملىتىش 28- ماي باشلىنىدىكەن، 400 مەمۇر تاللاپ ئۆستۈرۈلىدىكەن، خىزمەت ئورنى بۇلتۇرقىدىن %58.1 ئاشۇرۇلىدىكەن.
بۇ يىل مەركەز ئورگانلىرىغا ئاشكارا تاللاپ ئىشقا قويىدىغان مەمۇرلار خىزمەت ئورنى يەنىمۇ كۆپەيتىلىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە باشقارما باشلىقى، مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى، مۇدىر دەرىجىلىك بۆلۈم ئەزاسى، مۇئاۋىن مۇدىر دەرىجىلىك بۆلۈم ئەزاسى بولۇپ 380 خىزمەت ئورنى تەسىس قىلىنغان، يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىكىدىن ئەڭ كۆپ بولغان؛ ئاشكارا تاللاپ ئۆستۈرۈلىدىغان خىزمەت ئورنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغۇچى، مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى ۋە مۇئاۋىن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغۇچىدىن ئىبارەت 20 خىزمەت ئورنى تەسىس قىلىنغان.
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر