باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ چىلى زۇڭتۇڭى باچېلېت بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو-چىلى دىپلوماتىيە مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنىڭ 45 يىللىقى ئىقتىساد-سودا مۇھاكىمە يىغىنى ۋە جۇڭگو-چىلى كارخانىچىلار كومىتېتى 7-قېتىملىق يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى

2015.05.28 15:48         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 26-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ شۇ جاي ۋاقتى 26-ماي چۈشتىن بۇرۇن سانتىياگودا چۈشكەن مېھمانخانىدا چىلى زۇڭتۇڭى باچېلېت بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو-چىلى دىپلوماتىيە مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنىڭ 45 يىللىقى ئىقتىساد-سودا مۇھاكىمە يىغىنى ۋە جۇڭگو-چىلى كارخانىچىلار كومىتېتى 7-قېتىملىق يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو-چىلىنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى چوڭقۇر، ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتى باشتىن-ئاخىر جۇڭگونىڭ لاتىن ئامېرىكىسىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرۇپ، ئىككى تەرەپ ھەمكارلىشىپ نۇرغۇن «بىرىنچىلىك»لەرنى قولغا كەلتۈردى. بۇ يىل دەل جۇڭگو-چىلى دىپلوماتىيە مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنىڭ 45 يىللىقى ۋە ئىككى تەرەپ ئەركىن سودا كېلىشىمى ئىمزالىغانلىقىنىڭ 10 يىللىقى، ئىككى تەرەپنىڭ ئۆز ئارا ئىشىنىشنى مۇستەھكەملەپ، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىدىن باشلاپ تۇتۇپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەمكارلىقى يەنى كەسىپ ۋە مەبلەغ سېلىش جەھەتتىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، قورال-جابدۇق ياساش ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ تۆۋەنلەش بېسىمىغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ قايتا جانلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر