خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 27-ماي، تۇنجى نۆۋەتلىك بىڭتۇەن ياش-ئۆسمۈرلەر قوش تىل مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. بىڭتۈەننىڭ 14دېۋىزىيە (شەھەر)دىن كەلگەن 3200دىن ئارتۇق ماھىر كەسكىن مۇسابىقىلىشىش ئارقىلىق، باشلانغۇچ، ئوتتۇرا، ئالىي مەكتەپلەر بويىچە ئايرىم ھالدا ئالتۇن، كۆمۈش، مىس مېدالغا ئېرىشكۈچىلەر تاللاپ چىقىلدى.
تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى