باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ بىرازىلىيەدە جۇڭگو قورال-جابدۇق ياسىمىچىلىق كۆرگەزمىسىنى ئىكىسكۇرسىيە قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

لى كېچياڭ: جۇڭگو-بىرازىلىيەنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ۋە قورال-جابدۇق ياساش ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئورتاق تەرەققىي قىلىپ، ئۆز ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق يېڭىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك

2015.05.22 15:28         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  لى كېچياڭ بىرازىلىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى، رىئودې ژانېيرو شتاتىنىڭ باشلىقى بىلەن بىرلىكتە كۆرگەزمە ئۈچۈن لېنتا كەستى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرى دىڭ لىن فوتوسى)

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ شۇ جاي ۋاقتى 20-ماي چۈشتىن بۇرۇن رىئودې ژانېيرودا جۇڭگو قورال-جابدۇق ياسىمىچىلىق كۆرگەزمىسىنى ئىكىسكۇرسىيە قىلدى.

  شۇ كۈنى رىئودې ژانېيرونىڭ ھاۋاسى ئوچۇق بولۇپ، يېڭىدىن بېزەلگەن مىنگاڭ پورتى جۇڭگوچە تۈس ئالدى. زال سىرتىدىكى كۆرگەزمە زالىغا جۇڭگو ياسىغان كران، قېزىش ماشىنىسى قاتارلىق ئېغىر تىپتىكى مېخانىك يۇقىرى كۆتۈرۈش ماشىنىلىرى؛ كۆرگەزمە زالى ئىچىگە جۇڭگونىڭ تېز پويىزى، يادرو ئېلېكتر، توشۇغۇچى راكېتانىڭ مودىلى ۋە يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل قاتارلىقلار تىزىلدى.

  لى كېچياڭ چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10:00لەردە كۆرگەزمىنىڭ ئېچىلىش نەق مەيدانىغا كەلدى. بىرازىلىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى، ئېنېرگىيە، قېزىلما بايلىقلار مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى، ئالاقىلىشىش مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ۋە رىئودې ژانېيرونىڭ شتات باشلىقى قاتارلىقلار ئىشىك ئالدىغا چىقىپ كۈتۈۋالدى ۋە پۈتۈن مۇساپىدە ھەمراھ بولدى. لى كېچياڭ سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىملىق زىيارىتىمدە جۇڭگو-بىرازىلىيەنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەمكارلىقىنى يولغا قويۇش توغرىسىدا بىرازىلىيەنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدىم. جۇڭگو تەرەپ پاراۋوز ۋاگونى، كېمە ياساش، ئاپتوموبىل، پولات-تۆمۈر، قۇرۇلۇش ماتېرىيالى قاتارلىق ساھەلەردە بىرازىلىيە بىلەن ھەمكارلىشىپ، سۈپىتى ياخشى، مۇھىت ئاسراش ئۆلچىمىگە ماس كېلىدىغان قورال-ياراغلارنى ئېكسپورت قىلىپلا قالماستىن، يەنە بىرازىلىيەدە ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى، رېمونت زاۋۇتى قۇرۇپ، شۇ جاي ئۈچۈن خادىم تەربىيەلەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى؛ بىرازىلىيەدىن ئەلا سۈپەتلىك دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى ۋە رىقابەتلىشىش كۈچىگە ئىگە قورال-ياراغلارنى ئىمپورت قىلىشنى خالايدۇ. جۇڭگو-بىرازىلىيەنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ۋە قورال-جابدۇق ياسىمىچىلىقتىكى ھەمكارلىقى، بىرازىلىيەنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە كەسىپلەر بويىچە مەبلەغ سېلىش ئېھتىياجى بىلەن جۇڭگونىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ۋە قورال-ياراغ ياساش ئەۋزەللىكىنى بىرىكتۈرۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆز ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق يېڭىپ، ئورتاق تەرەققىي قىلىشىغا پايدىلىق.

مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر