- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ياشلار قەلبىدىكى ئەھمىيەتلىك پائالىيەت
2015.05.22 16:31 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:ئىختىيارى مۇخبىرىمىز غالىپ تۇرسۇن خەۋەر قىلىدۇ : بۈگۈر ناھىيەسىنىڭ بۈگۈر بازىرى لاپا كەنت ھويلىسى 21 – ماي كۈنى 1500 دىن ئارتۇق ئادەم بىلەن لىق تولۇپ ، قاينام – تاشقىنلىققا چۆمدى . بۇ كۈنى بازارلىق پارتكۇم ، ھۆكىمەت ئاپتۇنۇم رايۇنىمىنىڭ 33 – قېتىملىق مىللەتلەر ئىتىپاقلىقى ئېيى مۇناسىۋىتى بىلەن بۇ كەنىتتە بىر قېتىملىق ياشلار قەلبىدىكى ئەھمىيەتلىك پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ ، دېھقان ياشلىرىنىڭ زامانىۋىي ئاڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى .
بۇ كۈنى كەنىت تەۋەسىدىكى ھەر مىللەتتىن بولغان ياشلار ، چوڭلار پائالىيەتكە قاتناشقان بولۇپ ، ئۇلار « مىللەتلەر ئىتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ ، ئورتاق تەرەققى قىلىش » ، « ئەسەبىي ئىدىيە »گە قارشى تۇرۇش ، قانۇنغا تايىنىپ ئۆزىنى كۈچلەندۈرۈش ۋە ئىناق ئائىلە ، تىنىچ جەمىيەت قۇرۇش ، مىللىي ئۆرۈپ – ئادەتلەرگە ئىجادىي ۋارىسلىق قىلىپ ، زامانىۋىي مەدەنىيەتنى ئەۋج ئالدۇرۇش قاتارلىق مەزمۇنلاردا ئەدەبىيات – سەنئەت نومۇرى ئورۇنلاش ، ئارقان تارتىشىش ، تىكتاكتوپ ، ۋاسكىتبول ، ۋالىبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش ، مەشرەپ ئويناش ، مىللىي كىيىم – كېچەكلەر كۆرگەزمىسى قاتارلىق مول – مەزمۇنلىق پائالىيەتلەرنى ئېلىپ باردى . كەنىتتىكى ئۇيغۇر ياشلار بىلەن خەنزۇ ياشلار « قوش تىل » دا پىكىر ئالماشتۇرۇش مۇسابىقىسى ئېلىپ بېرىپ ، ئۆزارا دوستلۇق ، ھەمكارلىق ۋە ئىتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈردى .
لاپا كەنتى 3 – ئاھالىلەر گۇرۇپپىسىدىكى دېھقان ياش ھەمراگۈل مۇنداق دىدى : « كەنتىمىزدە ئېلىپ بېرىلغان بۈگۈنكى بۇ پائالىيەت مېنى ئىنتايىن مەمنۇن قىلدى . مەن پائالىيەتكە باشتىن – ئاخىرى قاتنىشىش ئارقىلىق مىللەتلەر ئىتىپاقلىغىنى داۋاملىق كۈچەيتىش كېرەكلىگىنى ، نمىنىڭ ئىلغار مەدەنىيەت ، نىمىنىڭ قانۇنسىز قىلمىش ئىكەنلىگىنى ھەقىقى تونۇپ يەتتىم . بۇندىن كىيىن بۇنداق پائالىيەتلەرنىڭ كەنتىمىزدە كۆپرەك ئۆتكۈزۈلۈپ تۇرۇشىنى ئۈمىت قىلىمەن » .
لاپا كەنتى ناھىيە بازىرىدىن 10 كېلۇمىتىر يىراقلىققى جايلاشقان بولۇپ ، ئىلگىرى بۇ يەرنىڭ جەمىيەت ئەھۋالى بىرقەدەر مۇرەككەپ ئىدى . يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ، بازارلىق پارتكۇم ، ھۆكىمەت كەنت ئاھالىلىرىنى ، بولۇپمۇ ، ياشلارنى ئىلغار مەدەنىيەتكە يۈرۈش قىلىش ، يېڭى پەن – تېخنىكا ئۈگىنىش ، زامانىۋىي ئاڭ بىلەن يېڭىچە تۇرمۇشقا يۈزلىنىشكە پائال تۈردە يېتەكلىگەنلىكتىن ، ھازىر بۇ كەنىتنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىدا ياخشىلىنىش يۈز بېرىپ ، ھەممە ئادەم تىنىچ تۇرمۇش مۇھىيىتىدا ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشقا يۈرۈش قىلىشتەك ياخشى كەيپىيات بارلىققا كەلدى .
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر