- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
مەركەز مالىيەسىدىن 124 مىليارد 300 مىليون يۈەن ئاجرىتىلىپ، شەھەر بازارلاردىكى كاپالەتلىك ئۆي قۇرۇلۇشى قوللاپ بېرىلىدۇ
2015.05.22 17:17 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
يەرلىكنىڭ ئۆي قىيىنچىلىقى بار تۆۋەن كىرىملىق ئائىلىلەرنىڭ ئۆي ئىجارە ئېلىشىغا قوشۇمچە ياردەم بېرىش، ئاممۋى ئىجارىلىك ئۆيلەر ۋە شەھەرلەردىكى كەپىلىك مەھەللىلەرنى ئۆزگەرتىشىگە بىر تۇتاش ئىشلىتىشىنى قوللاش ئۈچۈن يېقىندا مەركەز مالىيەسىدىن شەھەر بازارلاردىكى كاپالەتلىك ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى مەخسۇس مەبلىغىدىن 124 مىليارد300 مىليون يۈەن ئاجرىتىلدى. بۇنىڭ بىلەن مەركەز ماليەسىنىڭ شەھەر بازار كاپالەتلىك ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى مەبلىغى خامچوتىنىڭ ھەممىسى چۈشۈرۈلۈپ بولدى.
مالىيە مىنىستىرلىقى مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: جايلار بۇ يىل 31-مايغىچە مەركەز مالىيەسىدىن شەھەر بازار كاپالەتلىك ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىغا ئاجرىتىلغان مەخسۇس مەبلەغنى شەھەر ناھىيەلەرگە چۈشۈرۈپ بولۇشى شۇنداقلا شەھەر بازارلاردىكى كاپالەتلىك ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى ۋەزىپىسى بىرقەدەر ئېغىر، بايلىقى كەمچىل شەھەرلەر ۋە ئۈچىنچى سەپتىكى كارخانىلار بىرقەدەر مەركەزلەشكەن شەھەرلەرگە مۇۋاپىق ياردەم بېرىشى كېرەك.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر