باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ بىرازىلىيە زۇڭتۇڭى روسوف بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو-بىرازىلىيە سودا-سانائەت ساھەسىدىكى باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى

2015.05.21 16:21         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ شۇ جاي ۋاقتى 19-ماي چۈشتە بىرازىلىيەدە بىرازىلىيە زۇڭتۇڭى روسوف بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو-بىرازىلىيە سودا-سانائەت ساھەسىدىكى باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى.

  لى كېچياڭ بۇ نۆۋەتلىك جۇڭگو-بىرازىلىيە سودا-سانائەت ساھەسىدىكى باشلىقلار يىغىنىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى تەبرىكلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو-بىرازىلىيەنىڭ ھەممىسى يېڭىدىن گۈللەنگەن چوڭ دۆلەت، ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتى ئىككى تەرەپ دائىرىسىدىن ھالقىغان، يەر شارى خاراكتېرلىك تەسىرگە ئىگە. ھازىر، تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەر قايتا سانائەتلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتىدۇ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرمۇ سانائەتلىشىش ۋە شەھەر-بازارلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ بىرازىلىيە بىلەن بىر يولدا مېڭىپ، سودا-ئىقتىساد قۇرۇلمىلىرىنى كۆپ مەنبەلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەمكارلىقىنى زور كۈچ بىلەن چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پەن-تېخنىكا، مائارىپ ئالماشتۇرۇش ھەمكارلىقىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ قايتا جانلىنىشى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: لاتىن ئامېرىكىسى خەلقئارانىڭ تىنچ، مۇقىم بولۇشىدىكى مۇھىم ئاساس بولۇپ، دۇنيادا گۈللىنىپ ئالغا ئىلگىرلەۋاتقان يېڭىدىن گۈللەنگەن كۈچ، ئىنسانلار مەدەنىيىتىنىڭ كەڭ قورساقلىق بىلەن بىللە ياشىشىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن ۋەكىلى. جۇڭگو-لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى چوڭقۇر، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى كۈنسېرى كۈچىيىپ، جۇڭگو-لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ مۇناسىۋىتى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىغا قەدەم قويدى. بۇ قېتىملىق زىيارىتىمدە پۈتۈن دۇنيا ھەمكارلىقىنى كۆزلەپ، جۇڭگو-لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى مۇستەھكەملەپ، كونكرېت ئىشلاردىكى ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، خەلقئارا ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەمكارلىقىنى بۆسۈش ئېغىزى قىلىپ، جۇڭگو-لاتىن ئامېرىكىسى ھەمكارلىقىنىڭ تىپنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى مەقسەت قىلغان. بۇ پۈتۈن دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ قايتا جانلىنىشىغا كۈچ قوشۇپ، جۇڭگو-لاتىن ئامېرىكىسى ئىقتىسادىنىڭ تىپنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆزگەرتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆپ تەرەپنىڭ ئورتاق يېڭىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، خەلقنى تەرەققىيات مېۋىسىدىن ئورتاق بەھرىلەندۈرىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر