باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم







خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

گوۋۇيۈەن بېيجىڭ شەھىرىدە مۇلازىمەتچىلىكنى كېڭەيتىشنى ئۇنىۋېرسال نۇقتىدا سىناق قىلىشنى تەستىقلىدى

2015.05.22 15:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 21- ماي تېلېگراممىسى. زۇڭلى لى كېچياڭنىڭ ئىمزا قويۇپ تەستىقلىشى بىلەن گوۋۇيۈەن يېقىندا تارقاتقان«بېيجىڭ شەھىرىدە مۇلازىمەتچىلىكنى كېڭەيتىشنى ئۇنىۋېرسال نۇقتىدا سىناق قىلىش ئومۇمىي لايىھەسى توغرىسىدىكى تەستىقى»(تۆۋەندە «تەستىق»دەپ قىسقارتىلدى)دا، بېيجىڭ شەھىرىدە مۇلازىمەتچىلىكنى كېڭەيتىشنى ئۇنىۋېرسال نۇقتىدا سىناق قىلىش قانات يايدۇرۇلۇپ، بيېجىڭ شەھىرى مەملىكەت بويىچە مۇلازىمەتچىلىكنى كېڭەيتىشنى ئۇنىۋېرسال نۇقتىدا سىناق قىلىنىدىغان تۇنجى شەھەر بولۇپ قالىدۇ.

  «تەستىق»تا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى:بيېجىڭ شەھىرىنىڭ مۇلازىمەتچىلىكنى كېڭەيتىشنى ئۇنىۋېرسال نۇقتىدا سىناق قىلىش بيېجىڭ، تيەنجىن، خېبېي ئۆلكىسى بىلەن ماس راۋاجلاندۇرۇش ئىستىراتېگىيەسىنى زىچ چۆرىدەپ، بېيجىڭ شەھىىرنىڭ مۇلازىمەتچىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ۋە مۇلازىمەت سودا تەرەققىىيات سەۋىيەسى ئۈستۈرۈش كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، جۇڭگوچە، پايتەختى ئالاھىدىلىكى، دەۋر ئالاھىدىلىكى ئىگە تۈزۈلمە مېخانىزىمى بەرپا قىلىىنىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، خەلقئارا قائىدى بىلەن ئۇدۇللاشقان مۇلازىمەت كەسپلىرىنى كېڭەيتىش ئۇل رامكىسى قۇرۇلۇپ، بېيجىڭنىڭ مۇلازىمەتچىلىكىنى كېڭەيتىشنى ئۇنىۋېرسال نۇقتىدا سىناق قىلىش مەملىكەتنىڭ» ئومۇميۈزلۈك، تەشەببۇسكارلق بىلەن ئېچىۋىتىشىنىڭ مۇھىم ئەمەلىيىتى قىلىنىپ، ئېچىۋىتىشچان ئىقتىسادىي يېڭى تۈزۈلمىسىگە تۆھپە قوشۇش يولىدا ئىزدىنىلىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر