- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
2020-يىلى ئىشتاتلىق كەنتلەرنىڭ يوللىرى ئاسفالىتلاشتۇرۇلىدۇ يېزا يوللىرىنىڭ ئاسراش ھەققى خامچوتقا كىرگۈزۈلىدۇ
2015.05.22 15:32 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. قاتناش تىرانسىپورت مىنىستىرلىقىنى ئاشكارىلىشىچە، 2020- يىلىغا بارغاندا دۆلىتىمىزنىڭ يېزا، بازار ۋە ئىشتاتلىق كەنتلەرنىڭ يوللىرى پۈتۈنلەي ئاسفالىتلاشتۇرۇلۇپ، يول ئاسراش خىراجىتى مالىيە خامچوتىغا كىرگۈزۈلىدۇ، شارائىتى يار بەرگەن ئىشتاتلىق كەنتلەرگە يولوچىلار ئاپتوبۇسى قاتنايدۇ.
يېقىندا قاتناش تىرانسىپورت مىنىستىرلىقى تارقاتقان «<تۆتتە ياخشى كەنت يولى> قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكرى»گە ئاساسەن، بۇنىڭدىن كېيىن يېزا يوللىرىنىڭ تەرەققىياتى قۇرۇلۇش، باشقۇرۇش، ئاسراش، تىرانسىپورت تىجارىتى قاتارلىق تۆت جەھەتتە نۇقتىلىق كۈچەيتىلىدۇ. پىلان بويىچە، 2020- يىلغا بارغاندا يېزا، بازار ۋە ئىشتاتلىق كەنتلەرنىڭ يوللىرى %100 ئاسفالىتلاشتۇرۇلىدۇ، يېزا يوللىرىنى باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرىنىڭ خىراجىتى مالىيە خامچوتىغا كىرگۈزۈش نىسبىتى %100 كە يەتكۈزۈلىدۇ، ئاسراش ھەققى پۈتۈنلەي مالىيە خامچوتىغا كىرگۈزۈلىدۇ.
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل
ئالاقىدار خەۋەرلەر